12 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 19-يىلى بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يېرۇسالېمغا كەلدى.
شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 19-يىلى بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يېرۇسالېمغا كەلدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياز بېشى، ياز ئوتتۇرىسى، كۈز، قىش ئايلىرىدىكى روزا تۇتۇش كۈنلىرى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدىغان بايراملىرىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سىلەر ھەقىقەت ۋە تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.»
ئاندىن نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئۇ يەنە 832 ئادەمنى سۈرگۈن قىلدى.
ئاندىن قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان پۇقرالارنى ئەسىرگە ئېلىپ، تەسلىم بولغان كىشىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن ئانىسى، مەسلىھەتچىلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىل پادىشاھىغا تەسلىم بولدى. بابىل پادىشاھى ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. بۇ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سەككىزىنچى يىلى ئىدى.
ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بىلەن كەلگەن بابىل لەشكەرلىرى يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن سېپىلىنى چېقىۋەتتى.
شۇ ئارىلىقتا مىدياندىن كەلگەن ھېلىقى سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئاپىرىپ، پىرئەۋننىڭ بىر ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللار باشلىقى پوتىفارغا سېتىۋەتتى.
ئەجدادلىرىمىز ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغانلىقتىن، خۇدا ئۇلارنى كالدانلارنىڭ پادىشاھى، يەنى بابىلنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. پادىشاھ بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقنى بابىلغا سۈرگۈن قىلدى.
پادىشاھقا: _ ئالىيلىرىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي! ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان شەھەر خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرسا، مەن قانداقمۇ پەرىشان بولماي تۇرالاي؟ _ دەپ جاۋاب بەردىم.
ئى خۇدا، يات ئەللەر بېسىپ كىردى زېمىنىڭغا، ئۇلار بۇلغاپ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى، خارابىگە ئايلاندۇردى يېرۇسالېمنى.
يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورشاۋغا ئالدى.
يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا ۋە يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى بولغان زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلىغىچە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىپ تۇرغان. ئاشۇ يىلى يازدا يېرۇسالېم خەلقى سۈرگۈن قىلىنغان.
بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلار شەھەرگە بۆسۈپ كىرىپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرىدۇ. ئۇلار ئۆگزىلىرىدە بائالغا ئاتاپ ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىدۇ.
بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادانغا يەرەمىيا توغرىسىدا بۇيرۇق قىلىپ مۇنداق دېدى:
ياساۋۇللار باشلىقى ئاريوك ئۇلارنى قەتل قىلىش ئۈچۈن كەلدى. دانىيال ئۇنىڭدىن زېرەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن: