10 بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى.
مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بۇ ئادەمنىڭ پەرزەنتلىرى يوق، دەپ رويخەتكە ئېلىڭلار! ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىشلىرى ھەرگىز ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ.›»
ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ باردى.
بېشىڭلارغا كەلگەن كۈلپەتتىن ساراڭ بولىسىلەر.
ئەگەر مەن بۇ بالىسىز يالغۇز كەتسەم، ئاتامنىڭ يۈزىگە قانداق قارىيالايمەن؟ مەن ئاتامنىڭ بۇنداق بالا-قازاغا ئۇچرىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن! _ دېدى.
ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ئانا-بالا بولسۇن ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار. لېكىن بەلگىسى بار كىشىلەرگە تەگمەڭلار. قىرغىننى ئىبادەتخانامدىن باشلاڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىرغىننى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاقساقاللارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشلىدى.
مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلەر بۇ يەردىن ۋاقىتلىق چېكىنگەن بابىل پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرىدۇر.
قويلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاللاڭلار. ئوچاققا كۆپرەك ئوتۇن سېلىڭلار، قازاننى قاينىتىپ، گۆش ۋە سۆڭەكلەرنى پىشۇرۇڭلار.›