يەرەمىيا 51:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 بابىلدا ياشايدىغان مۇساپىرلار مۇنداق دەيدۇ: ‹بىز بابىلنى داۋالىغان بولاتتۇق، بىراق ئۇ ساقايمايدۇ. شۇڭا ئۇنى تاشلاپ، ھەممىمىز ئۆز ئېلىمىزگە كېتەيلى. بابىلنىڭ جازاسى ئاسماندەك ئېگىز دۆۋىلەنگەن بولۇپ، بۇلۇتلارغا تاقىشىدۇ.› Gade chapit la |
سامارىيەدە ئودېد ئىسىملىك پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى. ئۇ شەھەردىن چىقىپ، ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىنى قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرگە غەزەپ قىلىپ، ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردى. سىلەر چەكسىز غەزىپىڭلار بىلەن ئۇلارنى قىرغىن قىلدىڭلاركى، ئۇلارنىڭ نالىسى پەلەككە يەتتى.