60 يەرەمىيا تېرىگە بابىلدا يۈز بېرىدىغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى ۋە بابىل توغرىسىدىكى بارلىق بېشارەتلەرنى پۈتۈپ چىقتى.
ئاندىن يەرەمىيا باشقا تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى نېرىيانىڭ ئوغلى _ پۈتۈكچى بارۇكقا بەردى. يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدىكى بارلىق سۆزلەرنى بارۇكقا قايتىدىن پۈتتۈردى. ئۇلار بۇ ئورام يازمىغا يەنە بىرقانچە باشقا ۋەھىيلەرنىمۇ قوشۇپ قويدى.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمدى بېرىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئالدىدا تاش تاختىغا بۇ ئىشلارنى خاتىرە قىلىپ ئويغىن. بۇ ئىشلاردىن دەستۇر پۈتكىن. كەلگۈسىدىكىلەرگە مىراس قىلغىن، بۇ پۈتۈكلەر مەڭگۈ گۇۋاھچى بولسۇن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆرگەنلىرىڭنى، يەنى ھازىر بولۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر.
بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، يەنى ئەفەس، ئىزمىر، پەرگاما، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرىگە ئەۋەت» دېگەنىدى.
ئەي دانىيال، سەن ئەمدى بۇ پۈتۈكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تاكى زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلار ئۈستىدە يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشىپ، چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.
ئاندىن يەرەمىيا سىراياغا مۇنداق دېدى: _ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ بېشارەتلەرنى خەلققە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەرگىن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلغا ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە قارشى ۋەيرانچىلىق شامىلىنى قوزغايمەن.