Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:57 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

57 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەپ ئاتالغان پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنىڭ ئەمەلدارلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، باشلىقلىرى ۋە جەڭچىلىرىنى مەست قىلىمەن. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، قايتا ئويغانمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:57
20 Referans Kwoze  

مەن پادىشاھ، قۇدرەتلىك سەردار، يەنى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، تاغلار ئارىسىدىكى تابور تېغىدەك مۇستەھكەم، دېڭىز بويىدىكى كارمەل تېغىدەك ھەيۋەتلىك بىرى كېلىدۇ.


موئاب ۋەيران قىلىنىپ، ئۇنىڭ شەھەر-يېزىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل قىران يىگىتلىرى قىرىلىدۇ. بۇ، مەن پادىشاھ، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارغا ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شارابتىن سىلەر تاكى مەست بولۇپ ياندۇرغۇچە ئىچىڭلار. سىلەر تاكى يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنۇڭلاردىن تۇرالمىغانغا قەدەر ئىچىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىمەن.›»


ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى ۋارقىراپ كۈلۈشكىدەك مەست قىلىمەن، ئاندىن ئۇلار قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، مەڭگۈ ئويغانمايدۇ.


ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان ۋە ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ.


ئىگىسىگە ئۆز ماللىرى ئارىسىدىن بېجىرىم ئەركەك مالنى قۇربانلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ، ئەيىبى بار بولغان مالنى قۇربانلىق قىلغان ئالدامچىغا قارغىش تەگسۇن.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلۇغ پادىشاھتۇرمەن، پۈتكۈل ئەللەر نامىمدىن ئەيمىنىدۇ.»


سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.


ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسسۇر لەشكەرلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى.


مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: _ ھالىمغا ۋاي! مەن تۈگەشتىم. چۈنكى ئېغىزىم گۇناھقا پاتقان ھەمدە ئېغىزى گۇناھقا پاتقانلار ئارىسىدا ياشايدىغان مەن، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم!


مەن ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلايمەن، كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگۈچىلەرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىمەن. بەزىلەر ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى سۆكىمەن.


ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: «مەن پات ئارىدا بۇ زېمىندا ياشىغان بارلىق كىشىلەرنى غەرق مەست قىلىۋېتىمەن. داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان پادىشاھلاردىن تارتىپ، تاكى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن پۇقرالىرىغىچە قاتتىق مەست قىلىمەن.


شۇڭا ئۇلارنىڭ ياش يىگىتلىرى شەھەر كوچىلىرىدا يىقىلىپ چۈشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم ۋە قاتتىق غەزىپىم بىلەن سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن.


ئەي ئاسسۇر پادىشاھى، سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ كۆزى يۇمۇلدى، سېنىڭ ئېسىلزادىلىرىڭ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى! سېنىڭ خەلقىڭ تاغلارغا چېچىلىپ كەتتى. ئۇلارنى يىغىدىغان بىرمۇ كىشى قالمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite