Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:56 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

56 چۈنكى بىر ۋەيران قىلغۇچى بابىلغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بابىلنىڭ جەڭچىلىرى ئەسىرگە چۈشۈپ، ئوقيالىرى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار جازالايدىغان خۇدادۇر. ئۇ چوقۇم قىساس ئالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:56
32 Referans Kwoze  

چۈنكى سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى تالان-تاراج قىلدىڭلار. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھايات قالغانلىرى ئەمدى سىلەرنىمۇ تالان-تاراج قىلىدۇ. چۈنكى سىلەر ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار.


ئۇ ۋاقىتتا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار بابىلنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىدۇ. چۈنكى شىمالدىن ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلار، بابىلدىن قېچىپ چىقىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن تۈگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇلاردىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى، مەن ئەمدى بابىلنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىمەن.


توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى، سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى. كۆيدۈرۈپ جەڭ ھارۋىلىرىنى.


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىل ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ سىئوندىكى زىيانكەشلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن.


ئۇ ھەر كىمنىڭ قىلمىشىغا قاراپ قايتۇرىدۇ، دۈشمەنلىرىگە غەزەپلىنىدۇ، ئۇلارنى جازالايدۇ، يىراق ئارالدىكىلەرگىمۇ قىلمىشىغا يارىشا قايتۇرىدۇ.


ئۇ شۇ يەردە سۇندۇردى دۈشمەننىڭ ئوتلۇق ئوقلىرىنى، چېقىپ تاشلىدى قالقان، قىلىچ ۋە بارلىق جەڭ قوراللىرىنى. سېلاھ


ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، مەن چوقۇم ئۆچ ئالىمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغان كۈنى ئاز قالدى، ئۇلارنىڭ قىسمىتى تېزلا يېتىپ كېلىدۇ.»


چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر. ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز زىناسى بىلەن بۇزغان داڭلىق پاھىشىنى سوراققا تارتىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى» دېيىشەتتى.


«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»


سەن كۆرگەن دىۋە ۋە ئون مۈڭگۈز بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ.


خۇدا ئادىلدۇر. ئۇ سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلەرنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ.


شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەر لەشكەرلەرنىڭ قوراللىرىنى تېرىۋېلىپ ئوتۇن قىلىپ، قالايدۇ. چوڭ-كىچىك قالقانلار، ئوقيالار، توقماق ۋە نەيزىلەر يەتتە يىل قالاشقا يېتىدۇ.


سول قولۇڭدىكى يانى ۋە ئوڭ قولۇڭدىكى ئوقنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈرىمەن.


بابىل لەشكەرلىرى جەڭ قىلىشتىن توختايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىدا قالىدۇ، جەڭ قىلىش مادارىنى يوقىتىدۇ. ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاياللارغا ئوخشاپ ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. بابىلدىكى ئۆيلەرگە ئوت قويۇلۇپ، دەرۋازىلىرى بۇزۇلىدۇ.


بابىلنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەخمەقلىكى ھالاكەت ئالدىدا ئىسپاتلىنىدۇ. ھالاكەت ئالدىدا بابىلنىڭ جەڭچىلىرىنى ۋەھىمە باسىدۇ.


بابىل بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. ئولجا ئالغۇچىلار خالىغان نەرسىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مەن ئېلامنىڭ ئوقياچىلىرىنى ھالاك قىلىمەن، ئۇلار ئېلامنىڭ ئاساسلىق كۈچ-قۇدرىتىنىڭ مەنبەسىدۇر.


قورقۇپ كەتكەن كىشىلەرگە مۇنداق دەڭلار: «جاسارەتلىك بولۇڭلار، قورقماڭلار. قاراڭلار، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار كېلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى جازالايدۇ. ئۇ، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئۇ كېلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ.»


پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈننى بېكىتتى، بۇ سىئون تېغى ئۈچۈن ئېلىنغان ئىنتىقام.


مەن بىر قايغۇلۇق ۋەھىينى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «ئالدامچى ئالدامچىلىق قىلىدۇ، بۇزغۇنچى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەي ئېلاملار، ھۇجۇم قىلىڭلار! مىدىيالىقلار، قورشاڭلار! مەن بابىل ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئازابلارنى ئاخىرلاشتۇرىمەن!»


ئەي بابىللىق، ۋەيران بولغۇچىلار، بەختلىكتۇر بىزگە قىلغان يامانلىقىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا قايتۇرغۇچىلار.


ئاخىرى ئۇلارنىڭ سۇندۇرۇلۇپ يالىرى، ئۆز يۈرەكلىرىگە سانجىلىدۇ قىلىچلىرى.


كۈچلۈكلەرنىڭ يالىرى سۇنار، ئاجىزلار قۇدرەت كەمىرىنى باغلار.


لېكىن يۈسۈپ تايانغاچقا ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا، يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسىغا، قورام تېشىغا. ئۇنىڭ يايى مەزمۇت، قوللىرى كۈچلۈك يەنىلا.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، گەرچە بابىل ئېگىز ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ ياكى قورغانلىرىنى قانچە مۇستەھكەم قۇرسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ۋەيران قىلغۇچىلارنى ئەۋەتىمەن.»


ئوقياچىلار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. يەل تاپانلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ھەتتا چەۋەندازلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.


«مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئەللەرنى سوراققا تارتىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا! ئەي ئىدوم، سەن قىلمىشىڭغا يارىشا جازالىنىسەن! رەزىللىكىڭ ئۆز بېشىڭغا كېلىدۇ!


ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، جازالىغىن ئۇلارنى قىلمىشىغا يارىشا!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite