Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:55 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

55 پەرۋەردىگار بابىلنى ۋەيران قىلىدۇ، شەھەردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى بېسىقتۇرىدۇ. دۈشمەن قوشۇنلىرى ئۆركەشلىگەن دولقۇندەك يامراپ كېلىپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك چۇقان سالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:55
18 Referans Kwoze  

مەن خۇشاللىق ۋە كۈلكە سادالىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. توي قىلغان يىگىتلەر ۋە كېلىنچەكلەرنىڭ شادلىق ئاۋازلىرى ئەمدى ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ. ئۇن تارتىۋاتقان تۈگمەنلەرنىڭ غىچىرلاشلىرى توختايدۇ. ئۆيلەردىكى يېنىۋاتقان چىراغلار ئۆچۈرۈلىدۇ.


پەرىشتە ماڭا يەنە: - پاھىشە ئايال بويىدا ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلارنىڭ ئۆزى مىللەتلەر، قوۋملار، خەلقلەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر.


- مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ.


شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر شەھىرى، ساڭا قارشى تۇرىمەن، نۇرغۇن ئەللەرنى ساڭا قارشى خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك ئاتلاندۇرىمەن.


دۈشمەنلىرى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنى كەلكۈندەك باسىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ‹بابىل مەلىكىسى›، ئورنۇڭدا جىم ئولتۇر، ئەمدى سەن زۇلمەتكە يۈزلىنىسەن. سېنى ئەمدى ھېچكىم ‹پادىشاھلىقلارنىڭ خانىشى› دەپ ئاتىمايدۇ.


گەرچە ئۇلار دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كەلسىمۇ، خۇدانىڭ ئەيىبلىشى بىلەن يىراقلارغا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېدىرلىقتا شامال ئۇچۇرغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرغان توزاندەك قېچىپ كېتىدۇ.


بۇ، موئاب توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: موئابتىكى ئار شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ! موئابتىكى قىر شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ!


تىنچىتىسەن دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەم يات ئەللەرنىڭ توپىلاڭلىرىنى.


ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، ھالاكەت دولقۇنلىرى چۈمكىدى مېنى.


تېگى يوق پاتقاققا پېتىپ كەتتىم، كەلكۈندە غەرق بولۇپ، چوڭقۇرغا چۆكۈپ كەتتىم.


كىشىلەر بىزگە ئاچچىقلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتكىنىدە ئەگەر ئىگەم بىز تەرەپتە تۇرمىغان بولسا، ئۇلار بىزنى تىرىك پېتى يەۋېتەر ئىدى. كەلكۈن كەبى ئېقىپ كەلگەن ئادەم توپى دولقۇن ياساپ باسقىنىدا ئۈستىمىزدىن ئەزىم دەريادەك بىزنى غەرق قىلار ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite