Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:54 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

54 بابىلدىن نالە-پەرياد ئاڭلىنىدۇ. ئېغىر ۋەيرانچىلىقنىڭ ئاۋازلىرى بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:54
10 Referans Kwoze  

جەڭ ئاۋازلىرى بابىل زېمىنىدا ئاڭلىنىپ، چوڭ بۇزغۇنچىلىق بولىدۇ.


بابىل گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى بارلىق ئەللەرگە ئاڭلىنىدۇ.»


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنى سىلەر ‹بېلىق دەرۋازىسى›دىن يىغا ئاۋازىنى، شەھەرنىڭ يېڭى مەھەللىسىدىن پەرياد ئاۋازىنى ۋە تاغلاردىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر.


بابىل پادىشاھى ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىغاندا، قوللىرىدا مادار قالمايدۇ. ئازابتىن ئۇ تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىدۇ.


ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىرىۋېتىڭلار! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلارنىڭ يامان كۈنى كەلدى، يەنى ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»


مەنمۇ موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن. ئۇنىڭ مۇساپىرلىرى زوئار ۋە ئەگلات-شىلشىيا شەھەرلىرىگە قاچىدۇ. ئۇلار ئېگىزلىكتىكى لۇخىت شەھىرىگە بارغۇچە يىغلاپ ماڭىدۇ. خورونايىم شەھىرىگە بارغۇچە ۋەيرانچىلىقىدىن نالە-پەرياد قىلىپ ماڭىدۇ.


ئۇلار چۆلدىكى پىژغىرىم ئىسسىققا ئوخشايدۇ. ئى پەرۋەردىگار، سەن يات ئەللەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى شۈك قىلىپ قويدۇڭ. خۇددى كۈننىڭ ئىسسىقىنى بۇلۇت توسۇۋالغاندەك، زالىملارنىڭ زەپەر ناخشىلىرىنى توسۇۋالدىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite