Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:49 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

49 بابىل خەلقى ئىسرائىل خەلقىمدىن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئەللەرنى گۇمران قىلغانلىقى ئۈچۈن، بابىلمۇ گۇمران بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:49
13 Referans Kwoze  

مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىل ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ سىئوندىكى زىيانكەشلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن.


«ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار. بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى.


چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.


چۈنكى، سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ.


سىئوندا ياشايدىغانلار: «بابىلنىڭ بىزگە ۋە بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا قىلغان زوراۋانلىقى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلسۇن» دەيدۇ. يېرۇسالېم: «بابىلدا ياشايدىغانلار خەلقىمنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، بەدەل تۆلىسۇن!» دەيدۇ.


ئەي بابىل خەلقى، سىلەر خەلقىمنى بۇلاپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ، شادلاندىڭلار. سىلەر خۇشاللىقىڭلاردىن يايلاقلاردىكى موزايلاردەك سەكرەپ، ئاتتەك كىشنىدىڭلار.


ئادونى-بەزەق: _ مەن ئىلگىرى 70 پادىشاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتكەنىدىم، ئۇلار مېنىڭ داستىخىنىمدىن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يەيتتى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، _ دېدى. ئۇ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى.


تۆكۈلدى، بۇ شەھەردە قانلىرى، پەيغەمبەرلەر، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەر يۈزىدە قىرغىن بولغانلارنىڭ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite