Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:45 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

45 ئەي خەلقىم، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:45
13 Referans Kwoze  

ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇ يەردىن چىقىڭلار، ئەي خەلقىم! بولمىسا شېرىك بولىسىلەر ئۇ شەھەرنىڭ گۇناھلىرىغا. ئۇچرايسىلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە.


ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلار، بابىلدىن قېچىپ چىقىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن تۈگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇلاردىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى، مەن ئەمدى بابىلنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىمەن.


سىلەر بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار، بابىللىقلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتىڭلار. سىلەر بار ئاۋازىڭلار بىلەن تەنتەنە قىلىپ: «پەرۋەردىگار خىزمەتكارى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قوغدىدى» دەپ، پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاڭلار!


شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار. ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار، شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.» «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:


پېترۇس يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارغا: - سىلەر ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ بۇ زاماننىڭ چىرىپ كەتكەن كىشىلىرىگە كېلىدىغان جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇڭلار! - دەپ ئاگاھلاندۇردى.


ئەي خەلقىم، بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار! خۇددى پادىلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان سەركىلەرگە ئوخشاش بابىل زېمىنىدىن باشتا چىقىڭلار.


ئۇ جامائەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ: _ بۇ رەزىل كىشىلەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار! ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىگە تەگمەڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ گۇناھىغا سىلەرمۇ چېتىلىپ، بىرلىكتە ۋەيران بولىسىلەر، _ دېدى.


ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان سىئون خەلقى، تىز بولۇڭلار، قېچىڭلار!» دەيدۇ.


ئەي قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىسرائىللار، دەرھال كېتىڭلار، كېچىكمەڭلار! بۇ يات زېمىندا مېنى ۋە يېرۇسالېمنى ئەسلەڭلار.


بابىلدا ياشايدىغان مۇساپىرلار مۇنداق دەيدۇ: ‹بىز بابىلنى داۋالىغان بولاتتۇق، بىراق ئۇ ساقايمايدۇ. شۇڭا ئۇنى تاشلاپ، ھەممىمىز ئۆز ئېلىمىزگە كېتەيلى. بابىلنىڭ جازاسى ئاسماندەك ئېگىز دۆۋىلەنگەن بولۇپ، بۇلۇتلارغا تاقىشىدۇ.›


ئاڭلاڭلار! قاچقۇنلار ۋە مۇساپىرلار بابىلدىن سىئونغا كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بابىلدىن ئالغان قىساسى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن قىساس ئالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite