Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:42 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

42 دۈشمەنلىرى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنى كەلكۈندەك باسىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:42
15 Referans Kwoze  

بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا تاللىغان پادىشاھ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈدەك ئادەم قالمايدۇ. ئاندىن كېيىن بىر ھۆكۈمران مەيدانغا كېلىپ، قوشۇنلىرى بىلەن شەھەر ۋە ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئاقىۋىتى خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك بولىدۇ. ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن تاكى بۇ دەۋر ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ.


- مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ.


پەرۋەردىگار بابىلنى ۋەيران قىلىدۇ، شەھەردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى بېسىقتۇرىدۇ. دۈشمەن قوشۇنلىرى ئۆركەشلىگەن دولقۇندەك يامراپ كېلىپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك چۇقان سالىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، شارقىرىماقتا دېڭىز سۇلىرى، ياڭرىماقتا شاۋقۇنلىرى، گۈلدۈرلىمەكتە دولقۇنلىرى.


تىنچىتىسەن دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەم يات ئەللەرنىڭ توپىلاڭلىرىنى.


گۈلدۈرلەپ ئېقىپ چۈشكەن شارقىراتمىلىرىڭدەك، توختىماي كەلمەكتە بېشىمغا كۈلپەتلىرىڭ، بېسىپ ئۆتمەكتە مانا ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.


پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى، چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى.


ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، ھالاكەت دولقۇنلىرى چۈمكىدى مېنى.


بۇ دېڭىز بويىدىكى قۇملۇق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: نەگېب چۆللۈكىدە بوران چىققاندەك، چۆللۈكتىن، يەنى ۋەھشىيلەرنىڭ زېمىنىدىن تاجاۋۇزچى كېلىدۇ.


شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر شەھىرى، ساڭا قارشى تۇرىمەن، نۇرغۇن ئەللەرنى ساڭا قارشى خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك ئاتلاندۇرىمەن.


شىمالدىكى پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى جەڭگە ھازىرلىنىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى جەنۇبىي پادىشاھلىقنىڭ قەلئەسىگە كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite