41 ئاھ، بابىل شەھىرى ئىشغال قىلىنىدۇ! پۈتۈن دۇنيا ماختىغان بۇ شەھەر ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. بابىل ئەللەر ئارىسىدا بىر قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.
شىمالنىڭ يىراق-يېقىندىكى بارلىق پادىشاھلىرى ۋە يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان باشقا بارلىق پادىشاھلار پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ شارابىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، بابىل پادىشاھى ئىچىدۇ.
بابىل باشقىلار ئەڭ ھەۋەسلەنگەن پادىشاھلىق ئىدى، بابىللارنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئىپتىخارى ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىدۇ، خۇددى سودوم ۋە گومورادەك.
ئىلگىرى شاد-خۇراملىققا تولغان مەشھۇر شەھەر تاشلىنىپ قالىدۇ.
مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار، بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟!»
پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ دەرەخ بولسا سىلى ئۆزلىرىدۇر. سىلى زورىيىپ، ئۇلۇغلىشىپ، ھوقۇقلىرى ئەرشكىچە يېتىپتۇ. ھۆكۈمرانلىقلىرى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگىچە يېتىپ بېرىپتۇ.
ئۇ سىلىنى يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ، ھەتتاكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ خاقانى قىلغاندۇر. سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ھەيكەلنىڭ ئاشۇ ئالتۇن بېشى ئۆزلىرى بولىلا.
سېنىڭ سەۋەبىڭدىن دېڭىز بويىدا ياشايدىغان خەلقلەر ئالاقزادە بولۇشتى. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى!
بابىل خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، چىلبۆرىلەر ئۇ يەرنى ماكان تۇتىدۇ. ئۇ قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.
بابىل گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى بارلىق ئەللەرگە ئاڭلىنىدۇ.»
پۈتۈن دۇنيانى بازغاندەك ۋەيران قىلغان بابىلنىڭ قانداق ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرۈڭلار! بابىل ئەللەر ئارىسىدا قورقۇنچلۇق بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.
سىلەر بابىل پادىشاھىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلسىلەر: بۇ زوراۋان قانداق تۈگەشتى-ھە! ئۇنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى قانداق ئاخىرلاشتى-ھە!
ھازىر ئۇلۇغلىنىۋاتقان بۇ ئىبادەتخانا شۇ ۋاقىت كەلگەندە ۋەيران بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ.
سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق ئەللەردە ئادەمنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىگە قالىسىلەر.