40 مەن قوزا، قوچقار، ئۆچكىلەرنى قۇشخانىغا ھەيدەپ كىرگەندەك، ئۇلارنى بوغۇزلىنىشقا ئېلىپ بارىمەن.
ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىرىۋېتىڭلار! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلارنىڭ يامان كۈنى كەلدى، يەنى ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»
خۇددى ئادەملەر باشان زېمىنىنىڭ بوردالغان قوچقار، پاقلان، تېكە ۋە بۇقىلىرىنى يېگەندەك، سىلەرمۇ باتۇرلارنىڭ گۆشىنى يەپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ قېنىنى ئىچىسىلەر.
پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى خۇددى قوزا، ئۆچكە ۋە قوچقارنى قۇربانلىق قىلغاندەك، قان ۋە گۆشكە مېلىنىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار بوزرا شەھىرىدە قۇربانلىق قىلىدۇ، ئىدومدا چوڭ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ،
ساڭا بولغان ساداقىتىمىزدىن كۈنبويى قىرىلماقتىمىز، سويۇلىدىغان قويلارنىڭ قاتارىدا بولماقتىمىز.
بىراق ھالاك بولار رەزىللەر، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرى ياۋا گۈلدەك توزۇپ تۈگەر، ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولۇپ، يوقاپ كېتەر.
موئاب ۋەيران قىلىنىپ، ئۇنىڭ شەھەر-يېزىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل قىران يىگىتلىرى قىرىلىدۇ. بۇ، مەن پادىشاھ، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.