39 ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى ۋارقىراپ كۈلۈشكىدەك مەست قىلىمەن، ئاندىن ئۇلار قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، مەڭگۈ ئويغانمايدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەپ ئاتالغان پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنىڭ ئەمەلدارلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، باشلىقلىرى ۋە جەڭچىلىرىنى مەست قىلىمەن. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، قايتا ئويغانمايدۇ.
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارغا ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شارابتىن سىلەر تاكى مەست بولۇپ ياندۇرغۇچە ئىچىڭلار. سىلەر تاكى يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنۇڭلاردىن تۇرالمىغانغا قەدەر ئىچىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىمەن.›»
ئەي نىنەۋىلىكلەر، سىلەرمۇ ئەمدى مەست ئادەمدەك دەلدەڭشىپ قالىسىلەر، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن يوشۇرۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا پاناھ ئىزدەپ يۈرىسىلەر.
سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.
دەل شۇ كۈنى كېچىدە، بابىلنىڭ پادىشاھى بېلشاززار ئۆلتۈرۈلدى.
موئاب خەلقى تەكەببۇرلىشىپ مەندىن يۈز ئۆرۈدى، شۇڭا ئۇلار جازا شارابىمنى ئىچىپ، مەست بولسۇن! ئۇلار ئۆز قۇسۇقىغا مىلىنىپ يېتىپ، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالسۇن.
ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، جاۋاب بەرگىن نەزىرىڭنى سېلىپ ماڭا، نۇرلاندۇرغىن كۆزلىرىمنى، بولمىسا كېتەرمەن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا.
ئەي ئاسسۇر پادىشاھى، سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ كۆزى يۇمۇلدى، سېنىڭ ئېسىلزادىلىرىڭ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى! سېنىڭ خەلقىڭ تاغلارغا چېچىلىپ كەتتى. ئۇلارنى يىغىدىغان بىرمۇ كىشى قالمىدى.