36 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەرزىڭلارنى ئاڭلايمەن. مەن بابىللىقلاردىن سىلەر ئۈچۈن قىساس ئالىمەن. مەن ئۇلارنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى ۋە بۇلاقلىرىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن.
قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.»
بابىلنىڭ دەريالىرى ۋە قاناللىرىنىڭ سۇلىرى تارتىلىپ كېتىدۇ! ئۇلارنىڭ سۇلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. بابىل زېمىنى بۇتلارغا تولۇپ كەتكەندۇر، ئۇنىڭ خەلقى بۇلارغا چوقۇنۇپ ئەقلىدىن ئازىدۇ.
بىلىمەن، ئېزىلگەنلەرگە ئىگە بولۇپ پەرۋەردىگار، يوقسۇللارنىڭ ھەققىنى قوغدار.
مەن دېڭىزغا قاراپ: ‹قۇرۇپ كەت› دېسەم، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، مەن دەريالارنى قۇرۇتىمەن.
ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ.
ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، مەن چوقۇم ئۆچ ئالىمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغان كۈنى ئاز قالدى، ئۇلارنىڭ قىسمىتى تېزلا يېتىپ كېلىدۇ.»
ئالتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغا تۆكتى. شۇ ھامان دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. بۇنىڭ بىلەن، كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولى ئېچىلدى.
ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلار، بابىلدىن قېچىپ چىقىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن تۈگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇلاردىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى، مەن ئەمدى بابىلنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىمەن.
سىلەرنىڭ قوغدىغۇچىڭلار بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۈچۈن مەن بابىلغا قارشى قوشۇن ئەۋەتىمەن، ئۇلار ئۆزلىرى ماختىغان كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
چۈنكى قۇدرەتلىكتۇر ئۇلارنىڭ ھىمايىچىسى، ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالار ئۇ ساڭا قارشى.
چۈنكى ئاقلار پەرۋەردىگار ئۇلارنى، ئالار ئۇ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ جېنىنى.
گۇناھ قىلسا بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى، باياۋانغا ئايلاندۇرۇلار دەريالىرى، سۈيى تۈگەپ قاغجىرار بۇلاقلىرى، شورلۇق تۇپراق بولار مۇنبەت يەرلىرى.
نىل دەرياسىنىڭ سۈيى قۇرۇپ كېتىدۇ، دەريا قاغجىراپ، سۈيى تۈگەيدۇ.
مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.
گەرچە ئىسرائىلىيەلىكلەر قېرىنداشلىرى ئارىسىدا گۈللەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇلاقلىرى ۋە قۇدۇقلىرى مەن پەرۋەردىگار شەرقتىن، يەنى قۇملۇقتىن ئەۋەتكەن ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ خەزىنىسىدىكى ھەممە بايلىقلىرى بۇلاپ كېتىلىدۇ.
مەن ئىسرائىللارنىڭ قولى ئارقىلىق ئىدوملاردىن ئۆچ ئالىمەن. ئىسرائىللار مېنىڭ قەھر-غەزىپىم بويىچە ئۇلارنى جازالايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ قىساسىمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»