32 دەريانىڭ كېچىكلىرىنى بېسىۋالىدۇ. دۈشمەنلەر ئۇنىڭ قومۇشلۇقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، بابىلنىڭ لەشكەرلىرى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.
بابىل لەشكەرلىرى جەڭ قىلىشتىن توختايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىدا قالىدۇ، جەڭ قىلىش مادارىنى يوقىتىدۇ. ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاياللارغا ئوخشاپ ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. بابىلدىكى ئۆيلەرگە ئوت قويۇلۇپ، دەرۋازىلىرى بۇزۇلىدۇ.
مەن دېڭىزغا قاراپ: ‹قۇرۇپ كەت› دېسەم، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، مەن دەريالارنى قۇرۇتىمەن.
قارا، ئۇلار خۇددى ئوتقا تاشلانغان ساماندۇر، ئوت ئۇلارنى يالماپ يۇتىدۇ، ئۇلار بۇ ئوتتىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ! بۇ ئوت ئىسسىنىش ئۈچۈن يېقىلغان ئوت ئەمەس، ئىسسىنىمەن دەپ، بۇ ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ قالما!
خەۋەرچىلەر كەينى-كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ، ئۇنىڭغا بابىل شەھىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇزۇن ئۆتمەي بابىلدا ھوسۇل يىغىش باشلىنىدۇ، بابىل خەلقى خامانغا ئوخشاش دەسسەپ يانجىلىدۇ.»
بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى.