Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ئەي بابىل، سەن تاغدەك بولۇپ، دۇنيانى ھالاك قىلدىڭ. مەن ئەمدى ساڭا قارشى تۇرىمەن. مەن قۇدرەتلىك قولۇمنى ساڭا قارشى سوزۇپ، سېنى تىك ياردىن ئىتتىرىۋېتىمەن. سېنى كۆيۈپ كەتكەن تاغدەك قىلىپ قويىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:25
18 Referans Kwoze  

ئىككىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، گويا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان چوڭ بىر تاغدەك غايەت زور بىر جىسىم دېڭىزغا تاشلاندى. دېڭىزنىڭ ئۈچتىن بىرى قانغا ئايلاندى.


ئەي تاغدەك چوڭ توسالغۇ، سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا نېمە ئىدىڭ؟ سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا تۈزلەڭلىكتەك تۈزلىنىپ كېتىسەن. زىرۇببابەل ئىبادەتخانىغا ئەڭ ئاخىرقى تاشنى قويغاندا، خەلق: ‹خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى مۇشۇ ئىبادەتخانىغا يار بولغاي!› دەپ چۇقان سېلىشىدۇ.»


ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئىگەڭلار _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. يامان كۈنۈڭلار كەلدى، يەنى سىلەرنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى.


بابىلنىڭ قېلىن تاملىرى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرىغا ئوت قويۇلىدۇ. كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىھۇدە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ جاپا بىلەن ئېرىشكەنلىرى ئوتقا يەم بولىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، گەرچە بابىل ئېگىز ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ ياكى قورغانلىرىنى قانچە مۇستەھكەم قۇرسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ۋەيران قىلغۇچىلارنى ئەۋەتىمەن.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن تاقىر تاغدا تۇغ تىكلەڭلەر، قوللىرىڭلارنى پۇلاڭلىتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇلارغا چاقىرىق قىلىڭلار. ئۇلار شاھزادىلەرنىڭ ئوردا دەرۋازىلىرىغا ھۇجۇم قىلسۇن!


مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار، بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟!»


بابىل خۇددى قولۇمدىكى ئالتۇن قەدەھكە ئوخشاش پۈتكۈل دۇنيانى مەست قىلىدىغان غەزىپىم بىلەن تولدى. ئەللەر بابىلنىڭ شارابىنى ئىچىپ، ئەقلىدىن ئازدى.


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


ئاندىن ئۇلار: _ كېلىڭلار، بىز بىر شەھەر بىنا قىلايلى! شەھەر مۇنارىنىڭ ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشسۇن. بىز شۇ ئارقىلىق نامىمىزنى چىقىرىپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىنايلى! _ دېيىشتى.


لېكىن، رەببىمىز ئەيسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈننىڭ كېلىشى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ تۈگەيدۇ. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ گۇمران بولىدۇ.


يۈرسەممۇ گەر كۈلپەتلەردە مەن، ئۆزۈڭ مېنى روھلاندۇرىسەن. توسۇپ سەن دۈشمەنلىرىم غەزىپىنى، قۇتقۇزىسەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن مېنى.


قورال ئامبىرىمنى ئېچىپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ چىقتىم. چۈنكى مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بابىل زېمىنىدا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك.


لېكىن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن بابىلنىڭ زېمىنلىرىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite