Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 مەن سەن ئارقىلىق ئاتلار ۋە چەۋەندازلارنى يوقاتتىم، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:21
14 Referans Kwoze  

شۇ چاغدا مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ، مۇنداق مۇناجات ئېيتتى: «ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.


ئۇلار جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردۇر. ئۇلار كوچىدىكى لاينى چەيلىگەندەك دۈشمەنلىرىنى چەيلەيدۇ. ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا ياردۇرمەن. ئۇلار دۈشمەن چەۋەندازلىرىنى نومۇسقا قويىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە، بارلىق ئاتلارنى ئۈركۈتىمەن ۋە ئات ئۈستىدىكى چەۋەندازلارنى ئەقلىدىن ئازدۇرىمەن. مەن يەھۇدىيەگە ھامىيلىق قىلىمەن، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئاتلىرىنى كور قىلىمەن.


پادىشاھلىقلارنىڭ تاج-تەختىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كۈچ-قۇدرىتىنى يوقىتىمەن. جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە ئۇلارنى ھەيدىگۈچىلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن. چەۋەندازلىرى ئاتلىرى بىلەن يىقىلىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلاپ تۇر، ئەي نىنەۋى، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن! جەڭ ھارۋىلىرىڭنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن، ياش ئارسلانلىرىڭ قىلىچتا ھالاك بولىدۇ، مەن ئەمدى يەر يۈزىدە ساڭا ئولجا قالدۇرمايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى ئۆچىدۇ.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن كەلگەندە، جەڭ ئاتلىرىڭلارنى يوقىتىمەن. جەڭ ھارۋىلىرىڭلارنى پاچاقلاپ تاشلايمەن.


پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە قۇدرەتلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا ئاتلارنىڭ ۋە ئۇنىڭغا مىنگەنلەرنىڭ، قۇللارنىڭ ۋە ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار!» دېدى.


توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى، سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى. كۆيدۈرۈپ جەڭ ھارۋىلىرىنى.


جەڭ ئاتلىرىنىڭ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ، باتۇرلارنىڭ ۋە ھەر خىل لەشكەرلەرنىڭ گۆشلىرىنى تويغۇچە يەيسىلەر.» بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


بابىلنىڭ ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە بارلىق ياللانما جەڭچىلىرىگە ھالاكەت قىلىچى ئۇرۇلىدۇ. ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرى قىلىچ بىلەن تالان-تاراج قىلىنىدۇ.


گۈركىرەشلىرىڭدىن ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئى خۇدا، ئات ھەم جەڭ ھارۋىلىرى تۇرۇپ قالدى ئۇرۇش مەيدانىدا.


مەريەم خۇدانى مەدھىيەلەپ، ئۇلارغا مۇنداق مۇناجات ئوقۇدى: «ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.»


ئۇ دېڭىزغا غەرق قىلدى مىسىر قوشۇنىنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى، قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلدى ئۇلارنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىرىنى.


مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىرى، قوشۇنلىرى، چەۋەندازلىرى سىلەرگە يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە، ئۇلارنى بىراقلا يىقىتىپ، قوپالماس قىلىۋەتكەن، ئۇلارنى ئۆچكەن چىراغقا ئوخشاش يوقىتىۋەتكەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite