Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 مەن بابىلنى خۇددى بۇغداي سورۇغاندەك سورۇپ ۋەيران قىلىشقا ياللانما لەشكەرلەرنى ئەۋەتىمەن. ھالاكەت كۈنى يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:2
9 Referans Kwoze  

ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى.


مەن ھەممە شەھەرلەردە خەلقىمنى بۇغداي سورۇغاندەك سورۇۋېتىمەن. ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىمەن. مەن ئۆز خەلقىمنى ۋەيران قىلماقچى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن قايتمىدى.


سىلەر ئۇلارنى سورۇۋېتىسىلەر، شامال ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ، بوران ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولىسىلەر. سىلەر مېنى ‹ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا› دەپ پەخىرلىنىسىلەر.


سەندىكى خەلقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋابا ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرىمەن، ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شەھەر سىرتىدا قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، قالغان ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى كۆتۈرۈپ ئارقىسىدىن قوغلايمەن.


ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، سىلەر پۇتلىشىپ، يىقىلىسىلەر. سىلەرنى ھېچكىم يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويمايدۇ. مەن شەھەرلىرىڭلارغا ئوت قويۇپ، ئەتراپىڭلاردىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن.»


«ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار. بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى.


سىلەرنىڭ قوغدىغۇچىڭلار بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۈچۈن مەن بابىلغا قارشى قوشۇن ئەۋەتىمەن، ئۇلار ئۆزلىرى ماختىغان كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite