Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر، شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:15
28 Referans Kwoze  

«پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز! شان-شەرەپ، ھۆرمەت ۋە قۇدرەتكە لايىقسەن. چۈنكى، ھەممىنى سەن ياراتتىڭ. ھەممە شەيئى خاھىشىڭ بىلەن يارىتىلىپ ۋۇجۇدقا كەلدى.»


«ئى پەرۋەردىگار ئىگەم، سەن ھەقىقەتەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتتىڭ. سەن ئۈچۈن ھېچقانداق قىيىن ئىش يوق!


دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز، دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ.


- ئۇنداق قىلماڭلار! بىزمۇ ئادەم، سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان! بىز سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كەلدۇق. خۇش خەۋەر شۇكى: ئەرزىمەس نەرسىلەرگە چوقۇنماي، مەڭگۈ ھايات بولغان بىردىنبىر خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! ئۇ ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقان خۇدادۇر!


پەرۋەردىگار دانالىقى بىلەن ياراتتى زېمىننى، ئەقلى بىلەن بەرپا قىلدى ئاسماننى.


ئۇ ئۆزى يالغۇز ئاسماننى يېيىپ، دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدە مېڭىپ يۈرىدۇ.


ئاھ! خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلىم-ھېكمىتى نېمىدېگەن مول، نېمىدېگەن چوڭقۇر-ھە! ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟ ئۇنىڭ يوللىرىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:


زېمىننى بەرپا قىلغان، زېمىندىكى ئىنسانلارنى ياراتقان مەن بولىمەن. مەن ئاسماننى ئۆز قولۇم بىلەن يايدىم، ئاسماندىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئۆز جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇردۇم.


سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن ۋە قوغداپ كەلگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەن ئۆزۈم يالغۇز ئاسماننى يايدىم، مېنىڭ ئالەمنى يارىتىشىمغا ھېچكىم شېرىك بولمىدى.


ئاسماننى ياراتقان ۋە ئۇنى يايغان، زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنى ئاپىرىدە قىلغان، ئىنسانلارغا نەپەس ئاتا قىلىپ، ھاياتلىق بەرگەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆزى تاللىغان خىزمەتكارىغا مۇنداق دەيدۇ:


سىلەر ئاسمانغا قاراڭلار، بۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟ كىم بارلىق يۇلتۇزلارنى ئىسمى بىلەن چاقىرىپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ يېتەكلەپ چىققاندۇ؟ پەرۋەردىگار غايەت كۈچلۈك، چەكسىز قۇدرەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ كەم قالمايدۇ.


پەرۋەردىگار ئاسمان گۇمبىزىنىڭ ئۈستىدە ئۆز تەختىدە ئولتۇرىدۇ، زېمىندىكى ئادەملەر خۇددى چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئاسماننى خۇددى پەردىدەك يېيىپ، ئۇنى ماكان قىلىش ئۈچۈن چېدىرغا ئوخشاش قۇرغان.


پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ دانالىقتا ئاسماننى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.


لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن، ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن.


پۈتكۈل دۇنيانى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن بىنا قىلىنغان بۇتخانىلاردا تۇرمايدۇ.


ئەجەبا، كەڭ ئاسماننى يېيىپ، زېمىن ئۇلىنى سالغان، ياراتقۇچى مەن پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەرنى يوقاتماقچى بولغان زالىملارنىڭ غەزىپىدىن، ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ھولۇقۇپلا يۈرەمسىلەر؟ قېنى ئەمدى ئۇ زالىملارنىڭ غەزىپى؟


مەن ئۆز قولۇم بىلەن بۇ زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىم، مەن ئوڭ قولۇم بىلەن ئاسماننى يايدىم. مەن ئۇلارغا بىرلا چاقىرىق قىلسام، ئۇلار شۇ ھامان تەييار بولىدۇ.


ئەمرى بىلەن ھۆركىرىتىپ بورانلارنى، پەيدا قىلغانىدى ئۇ دولقۇنلارنى.


پەرۋەردىگار ياراتقان مەخلۇقاتلىرىڭ شۇنچە كۆپتۇر. سەن ياراتقان جانلىقلار بىلەن تولغاندۇر زېمىن يۈزى، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ھېكمىتىڭنىڭ مېۋىسىدۇر.


مەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىم ۋە ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن دۇنيانى، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى ۋە ھايۋاناتلارنى ياراتتىم. مەن ئۇلارنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن.


بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى ۋەھىيسىدۇر. ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى قويغان، ئىنسانغا روھ ئاتا قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite