Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن جەزمەن زېمىنىڭلارنى دۈشمەن لەشكەرلىرى بىلەن تولدۇرىمەن. ئۇلار چېكەتكىلەردەك زېمىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە ئولىشىپ، غەلىبە تەنتەنىلىرىنى ياڭرىتىدۇ.›»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:14
13 Referans Kwoze  

ئىگىمىز پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىدىن نەپرەتلىنىمەن. ئۇلارنىڭ قورغانلىرىنى ئۆچ كۆرىمەن. شەھەرلەرنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى دۈشمەنلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يېتىلگەن چېكەتكىلەر، تۇخۇمدىن يېڭى چىققان چېكەتكىلەر، تولۇق يېتىلمىگەن چېكەتكىلەر ۋە ياش چېكەتكىلەر يەپ كەتكەن زىرائەتلەرنى ئەمدى مەن سىلەرگە تولۇقلاپ بېرىمەن. ئۇ كۈچلۈك ‹قوشۇن›نى سىلەرگە قارشى مەن ئەۋەتكەنىدىم.


ھەر تەرەپتىن شەھەرگە قارشى جەڭگە چاقىرىڭلار. ئۇ تەسلىم بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، سېپىللىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار قىساس ئېلىۋاتىمەن، شۇڭا سىلەر ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار! ئۇ باشقىلارغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار!


مەن پەرۋەردىگار قەسەم قىلىمەنكى، بوزرا شەھىرى خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. كىشىلەر سىلەرنى مەسخىرە قىلىپ، نامىڭلارنى قارغاشقا ئىشلىتىدۇ. بوزرا ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەر-يېزىلار مەڭگۈ ۋەيرانچىلىقتا ياتىدۇ.»


خۇدادىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆز نامى بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى:


دۇنيادا جەڭ تۇغلىرى كۆتۈرۈلسۇن! بۇرغا چېلىنىپ، ئەللەر جەڭگە چاقىرىلسۇن. ئۇلار بابىلغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن. ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىنازنىڭ پادىشاھلىقلىرى جەڭگە چاقىرىلسۇن. يېتەكلەيدىغان سەردار تەيىنلەنسۇن. بابىلغا قارشى توپ-توپ چېكەتكىلەردەك ئاتلار ئەۋەتىلسۇن.


مىسىرنىڭ ئاھالىسى كەڭ كەتكەن قويۇق بىر ئورمانلىققا ئوخشايدۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۈشمەنلەر ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدىغانلارنىڭ سانى چېكەتكىلەردىنمۇ كۆپتۇر، ئۇلار ساناقسىزدۇر.


ئۇلار خۇددى چېكەتكىدەك كۆپ بولۇپ، كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ئادەم ۋە تۆگىلىرىمۇ ھېسابسىز ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەرلەرنى خاراب قىلىۋېتەتتى.


خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن كەلدى يەنە چېكەتكىلەر، مىژىلداپ كەلدى سان-ساناقسىز چېكەتكىلەر.


ئەي مىسىردا ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلۇغ نامىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، يەھۇدىيەدىن كېلىپ مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا يول قويمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite