Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:11
39 Referans Kwoze  

ئاتلىرىڭلارنى جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىپ، ھارۋىلىرىڭلارغا چىقىڭلار! دۇبۇلغىلارنى كىيىپ، سەپ تۈزۈپ تۇرۇڭلار! نەيزىلىرىڭلارنى ئۇچلاپ ئۆتكۈر قىلىڭلار، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار!› دەيدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ بابىلغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاڭلار. بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ياشايدىغان كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىمغا قۇلاق سېلىڭلار. ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. بۇ ئەلنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىمەن.


چۈنكى مەن شىمالدىكى چوڭ ئەللەردىن بىر قوشۇننى قوزغاپ، ئەكېلىمەن. ئۇلار بابىلغا قارشى سەپ تۈزۈپ، بابىلنى شىمال تەرەپتىن ئىشغال قىلىدۇ. ئۇلار يا ئوقلىرىنى زايە قىلمايدىغان ماھىر جەڭچىلەردۇر.


ئەي ئاتلىقلار، جەڭگە بېرىۋېرىڭلار. ئەي ھارۋىلىق جەڭچىلەر، ھارۋىلارنى شىددەت بىلەن ھەيدەڭلار. ئەي قاۋۇل مىسىر جەڭچىلىرى، كۇش ۋە لىۋىيەدىن كەلگەن، قالقان كۆتۈرۈۋالغان ياللانما جەڭچىلەر ھەم لۇدتىن كەلگەن ئوقياچىلار، جەڭگە ئاتلىنىڭلار!


پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا قارشى چىققان بارلىق ئەللەرگە ۋابا بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار تىرىك مۇردىلارغا ئايلىنىپ، تەنلىرى چىرىپ كېتىدۇ. كۆزلىرى كۆز چانىقىدا، تىللىرى ئېغىزلىرىدا چىرىيدۇ.


پەرۋەردىگار بارلىق ئەللەرنى يىغىپ، يېرۇسالېمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرىدۇ. شەھەر قولدىن كېتىپ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، قىز-ئاياللار دەپسەندە قىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى سۈرگۈن قىلىنىپ، يېرىمى قالدۇرۇلىدۇ.


سىئوندا ياشايدىغانلار: «بابىلنىڭ بىزگە ۋە بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا قىلغان زوراۋانلىقى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلسۇن» دەيدۇ. يېرۇسالېم: «بابىلدا ياشايدىغانلار خەلقىمنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، بەدەل تۆلىسۇن!» دەيدۇ.


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىل ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ سىئوندىكى زىيانكەشلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن.


بابىل سېپىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا تۇغ چىقىرىڭلار! كۆپلىگەن كۆزەتچىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىغا تۇرغۇزۇڭلار! بۆكتۈرمە قۇرۇپ تەييارلىنىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ بابىل خەلقىگە قىلماقچى بولغانلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.


قورال ئامبىرىمنى ئېچىپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ چىقتىم. چۈنكى مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بابىل زېمىنىدا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك.


مەن شەرقتىن بىر بۈركۈتنى چاقىرتىپ كېلىمەن، ئۇ يىراق بىر جايدىن كېلىدۇ، ئۇ مەن نېمىنى خالىسام، شۇنى قىلىدۇ. مەن ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم قىلىمەن، مەقسەتلىرىمنىمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!


مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر! سەن مېنى تونۇمىساڭمۇ مەن ساڭا كۈچ-قۇدرەت بېرىمەن.


پەرۋەردىگار كورەشنى تاللىدى، ئۇ ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ باشقا ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئۇنىڭغا شەھەرلەرنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ، ھېچكىم بۇ دەرۋازىلارنى يېپىۋېتەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار كورەش پادىشاھقا مۇنداق دەيدۇ:


مەن بىر ھۆكۈمراننى شىمالدىن قوزغىتىمەن، ئۇ كۈنچىقىش تەرەپتىن كېلىدۇ. ئۇ نامىمغا دۇئا قىلىدۇ. ئۇ تامچى ياكى كۇلالچى لاينى پېتىقلىغاندەك، ھۆكۈمرانلارنى دەسسەپ يانجىيدۇ.


ئۇلار گىلەملەرنى سېلىپ، زىياپەت تەييار قىلىشتى. ئۇلار تائاملارنى يېيىشىپ، شارابلارنى ئىچىشتى. تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز كەلدى: «ئەمىرلەر، قالقانلىرىڭلارنى مايلاپ تەييار قىلىڭلار!»


مەن بىر قايغۇلۇق ۋەھىينى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «ئالدامچى ئالدامچىلىق قىلىدۇ، بۇزغۇنچى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەي ئېلاملار، ھۇجۇم قىلىڭلار! مىدىيالىقلار، قورشاڭلار! مەن بابىل ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئازابلارنى ئاخىرلاشتۇرىمەن!»


مەنكى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارنى، خۇددى مىديانلارنى ‹ئورېب قورام تېشى›دا قامچام بىلەن قاتتىق ساۋىغاندەك ساۋايمەن. ھاسامنى خۇددى سىلەر مىسىردىن چىققاندا دېڭىزدىن قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگەندە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىمەن.


پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار پادىشاھ كورەشنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى:


پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار پادىشاھ كورەشنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى:


شۇڭا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈلنى، يەنى تىگلات-پىلئەسەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پادىشاھ پۈل ئۇلارنى خالاخ، خابور ۋە ھارا دېگەن يەرلەرگە ھەمدە گوزان دەرياسىنىڭ بويلىرىغا سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە.


خۇدا ئەليادانىڭ ئوغلى رىزوننىمۇ پادىشاھ سۇلايمانغا دۈشمەن قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خوجايىنى زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەرنىڭ دەستىدىن قېچىپ كەتكەنىدى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا قارشى چىقىدىغان بىرەيلەننى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇ ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ھاداد ئىدى.


سىلەر ئەھدىنى بۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئۇرۇش بىلەن قىساس ئالىمەن. شەھەرلىرىڭلارغا قېچىپ كىرىپ پاناھلانساڭلارمۇ، ئاراڭلارغا ۋابا ئەۋەتىمەن. سىلەر دۈشمەن قولىغا چۈشىسىلەر.


زىمرىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئېلامنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، مىدىيانىڭ بارلىق پادىشاھلىرى،


«مىسىر سەركەردىلىرى ۋارقىراپ: ‹چوڭ-كىچىك قالقانلىرىڭلارنى تەييارلاپ، ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار!


شىمالدىن كەلگەن بىر ئەل بابىلغا ھۇجۇم قىلىپ، بابىل زېمىنىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلار قېچىپ كېتىدۇ، بۇ يەردە ھېچكىم قالمايدۇ.»


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەرزىڭلارنى ئاڭلايمەن. مەن بابىللىقلاردىن سىلەر ئۈچۈن قىساس ئالىمەن. مەن ئۇلارنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى ۋە بۇلاقلىرىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن.


دەل شۇ كۈنى كېچىدە، بابىلنىڭ پادىشاھى بېلشاززار ئۆلتۈرۈلدى.


سىلەر باشقا ئەللەرگە مۇنداق دەپ جاكارلاڭلار: ‹ئۇرۇشقا ھازىرلىنىڭلار! لەشكەرلىرىڭلارنى، پۈتۈن باتۇرلىرىڭلارنى يىغىپ، ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار.


ساپىنىڭلاردىن قىلىچ، شاخ پۇتايدىغان پىچىقىڭلاردىن نەيزە سوقۇڭلار. ئاجىزلارمۇ مەن باتۇر دېسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite