Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 51:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 يەھۇدىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغانلار مۇنداق دەيدۇ: ‹پەرۋەردىگار ئادالىتىنى كۆرسىتىپ، بىزگە زور غەلىبە ئېلىپ كەلدى! كېلىڭلار، بېرىپ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى سىئوندا جاكارلايلى!›»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 51:10
18 Referans Kwoze  

ئاڭلاڭلار! قاچقۇنلار ۋە مۇساپىرلار بابىلدىن سىئونغا كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بابىلدىن ئالغان قىساسى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن قىساس ئالىدۇ.


تاڭ سەھەردەك يورۇتار ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى، چۈشتىكى قۇياش كەبى چاقنىتار گۇناھسىزلىقىڭنى.


پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ، شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى باشلىرىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.


يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»


بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا، سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا. نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا.


قورقۇنچ باسار ھەممە ئىنسانلارنى، ئويلىغاندا خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، بايان قىلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ بابىلغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاڭلار. بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ياشايدىغان كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىمغا قۇلاق سېلىڭلار. ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. بۇ ئەلنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىمەن.


ئەي خۇداغا ئىخلاسى بارلار، تىڭشاڭلار سۆزۈمنى، سۆزلەپ بېرەي خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.


مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايان ئەيلەيمەن.


ئۇلار خۇشاللىق سادالىرىنى ياڭرىتىدۇ. كۈنپېتىشتا كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيەلەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite