8 ئەي خەلقىم، بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار! خۇددى پادىلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان سەركىلەرگە ئوخشاش بابىل زېمىنىدىن باشتا چىقىڭلار.
ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلار، بابىلدىن قېچىپ چىقىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن تۈگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇلاردىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى، مەن ئەمدى بابىلنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىمەن.
سىلەر بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار، بابىللىقلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتىڭلار. سىلەر بار ئاۋازىڭلار بىلەن تەنتەنە قىلىپ: «پەرۋەردىگار خىزمەتكارى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قوغدىدى» دەپ، پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاڭلار!
ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇ يەردىن چىقىڭلار، ئەي خەلقىم! بولمىسا شېرىك بولىسىلەر ئۇ شەھەرنىڭ گۇناھلىرىغا. ئۇچرايسىلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە.
ئەي خەلقىم، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار. ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار، شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.» «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:
ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان، قېنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغىن! ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم، قېنى، ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن. بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ.
خوراز ۋە سەركە؛ گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ غادىيىپ ماڭىدىغان، پادىشاھ؛ قوشۇنىنى باشلاپ ماڭىدىغان.
ئۇ جامائەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ: _ بۇ رەزىل كىشىلەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار! ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىگە تەگمەڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ گۇناھىغا سىلەرمۇ چېتىلىپ، بىرلىكتە ۋەيران بولىسىلەر، _ دېدى.
كېتىڭلار، كېتىڭلار، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! ناپاك نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەڭلەر، ئەي پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بۇيۇملىرىنى كۆتۈرىدىغانلار، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار،
ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا، مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ زىكىرىيانى سىلەرگە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.