Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 50:44 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

44 ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش، بابىل خەلقىنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن. ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟ قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 50:44
18 Referans Kwoze  

مەن شەرقتىن بىر بۈركۈتنى چاقىرتىپ كېلىمەن، ئۇ يىراق بىر جايدىن كېلىدۇ، ئۇ مەن نېمىنى خالىسام، شۇنى قىلىدۇ. مەن ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم قىلىمەن، مەقسەتلىرىمنىمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!


ئۆتمۈشتە مەن قىلغان ئىشلارنى ئويلاڭلار، مەن ھەقىقەتەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەن خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم. سىلەرنى ئۆزۈمنىڭ خىزمەتكارىم قىلىپ تاللىغان. مەن سىلەرنى ماڭا ئىشەنسۇن، مېنى تونۇسۇن مېنىڭ سىلەرنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلسۇن دەپ تاللىغان. مەندىن بۇرۇن باشقا خۇدا بولۇپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ ھەم بولمايدۇ.


مەن بىر ھۆكۈمراننى شىمالدىن قوزغىتىمەن، ئۇ كۈنچىقىش تەرەپتىن كېلىدۇ. ئۇ نامىمغا دۇئا قىلىدۇ. ئۇ تامچى ياكى كۇلالچى لاينى پېتىقلىغاندەك، ھۆكۈمرانلارنى دەسسەپ يانجىيدۇ.


مۇقەددەس خۇدا: «سىلەر كىمنى مەن بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر، كىم مەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟» دەپ سورايدۇ.


بۈيۈكلۈكتە ساڭا تەڭداش بىرى يوقتۇر، ئەرشئەلادا ھېچكىم ساڭا ئوخشىماستۇر.


ئى پەرۋەردىگار، نەدە بار ئالەمدە سەندەك بىر ئىلاھ؟ كىمدە بار سەندىكىدەك ھەيۋەت، ئۇلۇغ شان-شەرەپ؟ قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كۆرسىتەلىسۇن مۆجىزە-كارامەت؟


ئۆڭكۈرىدىن ئايرىلىۋاتقان شىرغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى زۇلۇم سالغۇچىنىڭ قىلىچى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.


سىلەر كىمنى خۇدا بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر؟ سىلەر قايسىبىر شەيئىنىڭ قىياپىتىنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالايسىلەر؟


ئى خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشاش قۇدرەت ئىگىسىدىن يەنە كىم بار؟ ئەتراپىڭنى ساداقەتلىك ئوراپ تۇرار.


ئاندىن كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە: _ ئەتە سەھەردە پەرۋەردىگار كىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئۆزىگە ئاتالغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ.


پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ئەگەر سەن ئادەملەر بىلەن يۈگۈرۈپ بەسلەشكەندە ئۇلار سېنى ھاردۇرۇۋەتسە، ئۇنداقتا سەن قانداقمۇ ئاتلار بىلەن مۇسابىقىلىشەلەيسەن؟ ئەگەر سەن تۈز يەردە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشسەڭ، ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ كەتكەن چاتقاللىقتا قانداق ماڭىسەن؟


ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى ئۇلارغا باشقۇرغۇچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ. مەن ئۇنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرىمەن، ئۇ ماڭا يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى ھېچكىم ئۆزىگە تايىنىپ، ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


ھەر تەرەپتىن شەھەرگە قارشى جەڭگە چاقىرىڭلار. ئۇ تەسلىم بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، سېپىللىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار قىساس ئېلىۋاتىمەن، شۇڭا سىلەر ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار! ئۇ باشقىلارغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار!


پادىچىلارنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇنبەت يايلاقلىرى نابۇت قىلىندى. شىرلارنىڭ ھۆركىرەشلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللار نابۇت قىلىندى.


يىغىلىڭلار، ھەممىڭلار قۇلاق سېلىڭلار، قايسى بىر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلىگەن؟ مېنىڭ ئىرادەم بويىچە بابىلغا قارشى ئىش قىلغۇچىنى، مەنكى پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىمەن. ئۇ قولىنى بابىللىقلارغا قارشى كۆتۈرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite