43 بابىل پادىشاھى ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىغاندا، قوللىرىدا مادار قالمايدۇ. ئازابتىن ئۇ تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىدۇ.
خەۋەرچىلەر كەينى-كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ، ئۇنىڭغا بابىل شەھىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ.
دەمەشق شەھىرى ئاجىزلاپ، ئۇنىڭ خەلقى قېچىپ كەتمەكچى بولىدۇ. ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ، خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك ئاغرىق ۋە ئازاب ھېس قىلىدۇ!
قاراپ تۇرۇڭلار، دۈشمەن بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ چۈشۈپ، قاناتلىرىنى بوزرا شەھىرىنىڭ ئۈستىگە يايىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئىدوم لەشكەرلىرى تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالدەك قىينىلىدۇ.»
يېرۇسالېم ئاھالىلىرى نالە قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلار توغرىسىدا ئاڭلىغان! بىز قورقۇنچ ئىچىدە يار-يۆلەكسىز قالدۇق! ئازاب بىزنى چىرمىۋالدى. بىز خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىۋاتىمىز!
ئۆزۈڭلاردىن بۇنى سوراپ، ئويلىنىپ كۆرۈڭلار: ‹ئەزەلدىن بىر ئەرنىڭ بالا تۇغقىنىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟› ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ خۇددى تولغاق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ئاياللاردەك قورساقلىرىنى قاماللاپ تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن؟ ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا نېمە ئۈچۈن قان قالمىدى؟