Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 50:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

39 شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋايى ھايۋانلار ۋە چىلبۆرىلەر ئۇ يەردە ياشايدۇ. ھۇۋقۇشلار ئۇ يەردە ماكان تۇتىدۇ. لېكىن ھېچكىم قايتا ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. ئۇ يەردە مەڭگۈ ئادەمزات تۇرمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 50:39
12 Referans Kwoze  

پەرىشتە جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: «گۇمران بولدى، كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى! ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەر خىل يامان روھلارنىڭ ئۇۋىسى، ھەر خىل ئىپلاس ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ چاڭگىسىدۇر.


لېكىن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن بابىلنىڭ زېمىنلىرىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


بابىللىقلارنىڭ شەھەرلىرى خارابىلىككە ۋە چۆل-جەزىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ، ھەتتا ئۇ يەرگە ھېچكىم ئاياغ باسمايدۇ.


كىشىلەر سەندىن ئۇل تېشى قىلغۇدەك بىرەر تاشمۇ تاپالمايدۇ. سەن مەڭگۈ خارابىلىك بولۇپ قالىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنى ياۋايى ھايۋانلار ماكانىغا، شۇنداقلا سازلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. مەن خۇددى ئەخلەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانغا ئوخشاش، بابىلنى يوقىتىۋېتىمەن.»


شىمالدىن كەلگەن بىر ئەل بابىلغا ھۇجۇم قىلىپ، بابىل زېمىنىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلار قېچىپ كېتىدۇ، بۇ يەردە ھېچكىم قالمايدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite