32 ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، سىلەر پۇتلىشىپ، يىقىلىسىلەر. سىلەرنى ھېچكىم يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويمايدۇ. مەن شەھەرلىرىڭلارغا ئوت قويۇپ، ئەتراپىڭلاردىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن.»
مەن دەمەشق سېپىللىرىغا ئوت قويۇپ، بەنھادادنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن.»
مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قىلمىشلىرىڭلارغا قاراپ، سىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمەن. ئورمىنىڭلارغا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.»
بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەت، يەنى ئۆلۈم، ئاچارچىلىق ۋە ماتەم، كېلىدۇ ھامان بىر كۈن ئىچىدىلا. ئۆرتىلىدۇ ئۇ ئوت ئىچىدە. چۈنكى، سوراق قىلىدۇ ئۇنى قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار خۇدا!»
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەھۇدىيەگە ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت يېرۇسالېمنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.»
مەن موئابقا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت قىرىيوتنىڭمۇ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ. ئۇرۇش چۇقانلىرى ئاڭلانغاندا، لەشكەرلەر سۈرەن سېلىشقاندا، جەڭ بۇرغىلىرى ياڭرىغاندا، موئاب خەلقى ھالاك بولىدۇ.
شۇڭا مەن رابباھنىڭ شەھەر سېپىللىرىغا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ. ئۇرۇش كۈنىدە چۇقان-سۈرەنلەر ئاڭلىنىدۇ، جەڭ شىددەتلىك بوراندەك ئەۋج ئالىدۇ.
شۇڭا مەن تېمان شەھىرىگە ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت بوزرا شەھىرىنىڭمۇ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.»
شۇڭا مەن تىر شەھىرىنىڭ سېپىلىغا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.»
شۇڭا مەن گازا شەھىرىنىڭ سېپىلىغا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.
شۇڭا مەن پادىشاھ خازائېلنىڭ ئوردىسىغا ئوت ياغدۇرىمەن، بۇ ئوت پادىشاھ بەنھادادنىڭ قورغانلىرىنىمۇ يالماپ يۇتىدۇ.
ئۇ ھاكاۋۇر، جاھىل ئىدى. شۇڭا ئۇ تەخت ۋە ئۇلۇغلۇقتىن مەھرۇم قىلىندى.
شۇندىن كېيىن: «بابىل ۋە ئۇنىڭ خەلقى سۇغا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئورام يازمىغا ئوخشاش چۆكۈپ كېتىدۇ، قايتا كۆتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.» دېگىن. يەرەمىياغا كەلگەن ۋەھىيلەر مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.
كىشىلەر سەندىن ئۇل تېشى قىلغۇدەك بىرەر تاشمۇ تاپالمايدۇ. سەن مەڭگۈ خارابىلىك بولۇپ قالىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
ھالاكەتتىن ئىلگىرى ئادەمنىڭ يۈرىكىدە بولۇر تەكەببۇرلۇق. ئىززەت-ھۆرمەتتىن ئىلگىرى يۈرەر كىچىك پېئىللىق.
ئاۋۋال كېلەر تەكەببۇرلۇق ھالاكەتتىن، ھاكاۋۇرلۇق يىقىلىشتىن.
غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.
شەرمەندە بولسۇن تەكەببۇرلار، سەۋەبسىزلا ماڭا ناھەقچىلىك قىلغانلار، ئويلىرىم پەقەت تەلىملىرىڭ ھەققىدە بولار.
«پاك قىز ئىدى ئىسرائىلىيە، يىقىلدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرالماس ئەمدى. ئۇ تاشلىنىپ قالار ئۆز زېمىنىدا، يۆلەپ تۇرغۇزغۇچى يوقتۇر يېنىدا.»