Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 50:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئىگەڭلار _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. يامان كۈنۈڭلار كەلدى، يەنى سىلەرنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 50:31
20 Referans Kwoze  

«ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار. بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى.


ئەي جىلغا ئارىسىدىكى تاشلىق تۆپىلىكتە ياشاۋاتقان يېرۇسالېم خەلقى، مەن سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىمەن. ‹ھېچكىم بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇداپىئەلىرىمىزنى بۇزۇپ كىرەلمەيدۇ› دەپ مەغرۇرلانغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن.


ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.»


يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە كۆپ كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە» دەپ يېزىلغىنىدەكتۇر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلاپ تۇر، ئەي نىنەۋى، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن! جەڭ ھارۋىلىرىڭنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن، ياش ئارسلانلىرىڭ قىلىچتا ھالاك بولىدۇ، مەن ئەمدى يەر يۈزىدە ساڭا ئولجا قالدۇرمايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى ئۆچىدۇ.»


_ ئەي ئادەم بالىسى، گوگقا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگ، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي نىنەۋى، ئاڭلاپ تۇر! مەن ساڭا قارشىدۇرمەن! مەن كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىۋېتىپ، يۈزۈڭگە يېپىپ قويىمەن. ئەللەرگە سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭنى كۆرسىتىمەن. ئەللەر ئالدىدا سېنى شەرمەندە قىلىمەن.


ۋە ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگ، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن.


ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مىسىر پىرئەۋنى، سەن نىل دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىدا ياتقان ۋەھشىي مەخلۇقسەن، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن. سەن: ‹نىل دەرياسى مېنىڭدۇر، ئۇنى مەن ياراتتىم› دەيسەن.


ئەي يېرۇسالېم، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن، سېنى باشقا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن.


ئەي بابىل، سەن تاغدەك بولۇپ، دۇنيانى ھالاك قىلدىڭ. مەن ئەمدى ساڭا قارشى تۇرىمەن. مەن قۇدرەتلىك قولۇمنى ساڭا قارشى سوزۇپ، سېنى تىك ياردىن ئىتتىرىۋېتىمەن. سېنى كۆيۈپ كەتكەن تاغدەك قىلىپ قويىمەن.


ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، سىلەر پۇتلىشىپ، يىقىلىسىلەر. سىلەرنى ھېچكىم يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويمايدۇ. مەن شەھەرلىرىڭلارغا ئوت قويۇپ، ئەتراپىڭلاردىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن.»


سەن باشقا ئادەملەرنى قورقۇتقانىدىڭ، بۇ تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدىدى. سەن تاغ چوققىسىدىكى تىك قىيادا تۇرۇپ، ئۇۋاڭنى بۈركۈتكە ئوخشاش ئېگىزگە ياسىساڭمۇ، مەن سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.


موئابنىڭ ناھايىتى تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ئۇلار بەك مەغرۇرلىشىپ كەتتى، ئۇلار ئىنتايىن تەكەببۇر، ھاكاۋۇر ۋە كىبىرلىكتۇر، ئۇلار ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ.


بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەت، يەنى ئۆلۈم، ئاچارچىلىق ۋە ماتەم، كېلىدۇ ھامان بىر كۈن ئىچىدىلا. ئۆرتىلىدۇ ئۇ ئوت ئىچىدە. چۈنكى، سوراق قىلىدۇ ئۇنى قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار خۇدا!»


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى ئۇ تەكەببۇرلار، ھاكاۋۇرلار ۋە بارلىق ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنى يەرگە ئۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite