Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 50:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 شۇڭا ئۇلارنىڭ ياش يىگىتلىرى شەھەر كوچىلىرىدا يىقىلىپ چۈشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 50:30
10 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلاردا يىقىلىپ چۈشىدۇ، ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۆلسۇن، ئۇلار ئۆزلىرى قىلىچتا ئۆلتۈرۈلسۇن! ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسۇن! ياشانغانلىرى كېسەللىكتىن، ياشلىرى بولسا جەڭ مەيدانىدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن!


چۈنكى ئۆلۈم بىزنىڭ دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ، قورغانلىرىمىزغا كىرىپ كەلمەكتە. ئۇ كوچىلاردا ئويناۋاتقان بالىلىرىمىزنى، شەھەر مەيدانلىرىدا توپلانغان ياشلىرىمىزنى ئېلىپ كەتتى.


پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە قۇدرەتلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا ئاتلارنىڭ ۋە ئۇنىڭغا مىنگەنلەرنىڭ، قۇللارنىڭ ۋە ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار!» دېدى.


دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى، ھۆكۈمرانلىرى، سەردارلىرى، بايلىرى، ھوقۇقدارلىرى، قۇللىرى ۋە ھۆرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى.


بابىلنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەخمەقلىكى ھالاكەت ئالدىدا ئىسپاتلىنىدۇ. ھالاكەت ئالدىدا بابىلنىڭ جەڭچىلىرىنى ۋەھىمە باسىدۇ.


موئاب ۋەيران قىلىنىپ، ئۇنىڭ شەھەر-يېزىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل قىران يىگىتلىرى قىرىلىدۇ. بۇ، مەن پادىشاھ، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite