3 شىمالدىن كەلگەن بىر ئەل بابىلغا ھۇجۇم قىلىپ، بابىل زېمىنىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلار قېچىپ كېتىدۇ، بۇ يەردە ھېچكىم قالمايدۇ.»
ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، ئاسماندىكى قۇشلارنى، دېڭىزدىكى بېلىقلارنى ھالاك قىلىمەن. رەزىللەرنى يوقىتىمەن، يەر يۈزىدىن ئىنسانلارنى يوق قىلىمەن. بۇنى مەن پەرۋەردىگار جاكارلىدىم.
مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.
ئاندىن: «ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىپ، بۇ يەردە ھېچقانداق ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ ياشىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدىڭ. بۇ زېمىن مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.» دېگىن.
چۈنكى مەن شىمالدىكى چوڭ ئەللەردىن بىر قوشۇننى قوزغاپ، ئەكېلىمەن. ئۇلار بابىلغا قارشى سەپ تۈزۈپ، بابىلنى شىمال تەرەپتىن ئىشغال قىلىدۇ. ئۇلار يا ئوقلىرىنى زايە قىلمايدىغان ماھىر جەڭچىلەردۇر.
ئۇ ۋاقىتتا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار بابىلنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىدۇ. چۈنكى شىمالدىن ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
مەن بۇ شەھەرگە قورقۇنچلۇق كېسەللىك ئەۋەتىمەن، شەھەردىكى ئادەملەر ۋە ھايۋانلار ئۆلۈپ كېتىدۇ!›
شۇڭا مەن دەيمەنكى، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى بۇ زېمىنغا، يەنى بۇ زېمىندىكى ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، شۇنداقلا دەل-دەرەخلەر ۋە زىرائەتلەرگە ياغدۇرىمەن. غەزەپ-نەپرىتىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئوتتەك يالقۇنلايدۇ.
بۇ كېچىسى مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ يۈرۈپ، مەيلى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ياكى تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
ئۇ ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا: _ مەن ئۆزۈم ياراتقان ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. شۇنداقلا بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى يوق قىلىمەن. ئۇلارنى ياراتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن! _ دېدى.
مەن بىر ھۆكۈمراننى شىمالدىن قوزغىتىمەن، ئۇ كۈنچىقىش تەرەپتىن كېلىدۇ. ئۇ نامىمغا دۇئا قىلىدۇ. ئۇ تامچى ياكى كۇلالچى لاينى پېتىقلىغاندەك، ھۆكۈمرانلارنى دەسسەپ يانجىيدۇ.
پەرۋەردىگار كورەشنى تاللىدى، ئۇ ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ باشقا ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئۇنىڭغا شەھەرلەرنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ، ھېچكىم بۇ دەرۋازىلارنى يېپىۋېتەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار كورەش پادىشاھقا مۇنداق دەيدۇ:
مەن مۇنداق دېدىم: «تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن. مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ. مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»