Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 50:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 يىراق ئەللەردىن كېلىپ، بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىڭلار! بابىلنى خارابە دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىڭلار! ھېچكىمنى ھايات قالدۇرماڭلار!

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 50:26
19 Referans Kwoze  

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنى ياۋايى ھايۋانلار ماكانىغا، شۇنداقلا سازلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. مەن خۇددى ئەخلەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانغا ئوخشاش، بابىلنى يوقىتىۋېتىمەن.»


بابىل بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. ئولجا ئالغۇچىلار خالىغان نەرسىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇلغان خەزىنىلەرنى، مەخپىي جايلارغا كۆمۈپ قويۇلغان بايلىقلارنى ئېچىپ بېرىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىتىم: ئىسمىڭنى چاقىرغان، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدا ئىكەنلىكىمنى سېنىڭ بىلىشىڭ ئۈچۈندۇر.


ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەرقايسى خەلقلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خەلقلەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇراتتى. ئۇ خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنى خۇددى ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ مىجىغاندەك، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوتلۇق غەزىپى بىلەن ھالاك قىلاتتى.


بۇنىڭ بىلەن، پەرىشتە ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەردىكى ئۈزۈم تاللىرىنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ، خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ شاراب كۆلچىكىگە تاشلىدى.


ئۇ چاغدا دۈشمەنلىرىمىز بۇنى كۆرىدۇ. بۇرۇن بىزنى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا؟» دېگەنلەر شەرمەندە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جازالانغانلىقىغا شاھىت بولىمىز، ئۇلار ئەمدى خۇددى كوچىدىكى لايدەك دەسسىلىدۇ.


شۇندىن كېيىن: «بابىل ۋە ئۇنىڭ خەلقى سۇغا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئورام يازمىغا ئوخشاش چۆكۈپ كېتىدۇ، قايتا كۆتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.» دېگىن. يەرەمىياغا كەلگەن ۋەھىيلەر مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.


مەن بابىلدا ئۇلارنىڭ ئىلاھى بېلنى جازالايمەن. مەن ئۇ يېگەن ھەممە نەرسىلەرنى قۇستۇرىمەن. باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىغا سەلدەك ئېقىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنمايدۇ. بابىلنىڭ سېپىللىرى جەزمەن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ!


قاراڭلار! شىمالدىن بىر كۈچلۈك قوشۇن كېلىۋاتىدۇ! ئەڭ يىراق زېمىندىكى بىر چوڭ ئەل كۆپ پادىشاھلار بىلەن بىرلىكتە سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.


پۈتۈن دۇنيانى بازغاندەك ۋەيران قىلغان بابىلنىڭ قانداق ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرۈڭلار! بابىل ئەللەر ئارىسىدا قورقۇنچلۇق بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.


ھەر تەرەپتىن شەھەرگە قارشى جەڭگە چاقىرىڭلار. ئۇ تەسلىم بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، سېپىللىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار قىساس ئېلىۋاتىمەن، شۇڭا سىلەر ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار! ئۇ باشقىلارغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار!


مەن ئۇنىڭغا غەزىپىمنى ياغدۇرغاندىن كېيىن، بابىل ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە بابىلنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.


سىئون تېغى پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا بولىدۇ، ئۇ، موئابلارنى قىغ ئازگىلىدىكى ساماننى دەسسىگەندەك دەسسەيدۇ.


مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.


ئۇ يىراقتىكى ئەللەرگە تۇغ كۆرسىتىدۇ، ئۇ پۇشتەك چېلىپ دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكىلەرنى چاقىرىدۇ. مانا بۇ ئەللەر تېز ھەم ئۇچقاندەك كېلىدۇ!


كۆكتىكى ئۇچارقاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئامباردا ئوزۇقمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite