25 قورال ئامبىرىمنى ئېچىپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ چىقتىم. چۈنكى مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بابىل زېمىنىدا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك.
پەرۋەردىگار بابىلنى ۋەيران قىلىدۇ، شەھەردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى بېسىقتۇرىدۇ. دۈشمەن قوشۇنلىرى ئۆركەشلىگەن دولقۇندەك يامراپ كېلىپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك چۇقان سالىدۇ.
ئەي بابىل، سەن تاغدەك بولۇپ، دۇنيانى ھالاك قىلدىڭ. مەن ئەمدى ساڭا قارشى تۇرىمەن. مەن قۇدرەتلىك قولۇمنى ساڭا قارشى سوزۇپ، سېنى تىك ياردىن ئىتتىرىۋېتىمەن. سېنى كۆيۈپ كەتكەن تاغدەك قىلىپ قويىمەن.
ھەر تەرەپتىن شەھەرگە قارشى جەڭگە چاقىرىڭلار. ئۇ تەسلىم بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، سېپىللىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار قىساس ئېلىۋاتىمەن، شۇڭا سىلەر ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار! ئۇ باشقىلارغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار!
بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەت، يەنى ئۆلۈم، ئاچارچىلىق ۋە ماتەم، كېلىدۇ ھامان بىر كۈن ئىچىدىلا. ئۆرتىلىدۇ ئۇ ئوت ئىچىدە. چۈنكى، سوراق قىلىدۇ ئۇنى قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار خۇدا!»
شەھەردىن بۇرغا ئاۋازى ئاڭلانسا، كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشمەي قالامدۇ؟ پەرۋەردىگار ئىرادە قىلمىسا، شەھەر بالايىئاپەتكە ئۇچرامدۇ؟
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بابىل، سەن مېنىڭ كالتىكىم، ئۇرۇش قورالىمدۇرسەن. سەن ئارقىلىق ئەللەرنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم، پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلدىم.
ئۆتكۈر ئوقلىرىڭ سانجىلار يۈرىكىگە رەقىبلىرىڭنىڭ، دۈشمەنلىرىڭ يىقىلار ئاستىغا ئاياغلىرىڭنىڭ.
ئى باھادىر پادىشاھ، ئاسقىن يېنىڭغا قىلىچىڭنى، ئايان قىلغىن شەۋكىتىڭ ۋە ھەيۋىتىڭنى.
تېپىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە نەيزە سانجىلىدۇ، تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.