24 ئى بابىل، مەن ساڭا بىر تۇزاق قۇردۇم، سەن بىلمەستىن بۇ تۇزاققا چۈشىسەن. سەن مەن پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، تۇتقۇن قىلىندىڭ.
خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ.
سەندە مەن خۇدايىڭنىڭكىدەك بىلەك بارمۇ؟ سېنىڭ ئاۋازىڭ مېنىڭ گۈلدۈرمامىغا ئوخشايدىغان ئاۋازىمدەك ئاڭلىنامدۇ؟
«ئەي تاكاللاشقۇچى، ھەممىگە قادىر مەن خۇدايىڭ بىلەن يەنە تاكاللاشماقچىمۇسەن؟ خۇدا بىلەن گەپ تالاشقۇچى ئەمدى جاۋاب بەرگىنە.»
خۇداغا قارشى چىققۇچى خۇدا دەپ ئاتالغان ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ھەتتا خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى خۇدا، دەپ جاكارلايدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەپ ئاتالغان پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنىڭ ئەمەلدارلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، باشلىقلىرى ۋە جەڭچىلىرىنى مەست قىلىمەن. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، قايتا ئويغانمايدۇ.
لېكىن بابىل تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ۋەيران بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈڭلار! ئۇنىڭ يارىلىرىغا مەلھەم سۈرۈڭلار، بەلكىم ئۇ شىپالىق تاپار.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ياراتقۇچىسى بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلەر، سىلەر پەقەت لايدىن ياسالغان كوزا-ئىدىشلارغا ئوخشايسىلەر. لاي قانداقسىگە كۇلالچىدىن: «سەن مېنى نېمە قىلىۋاتىسەن؟» ياكى «ياساۋاتقان نەرسەڭنىڭ تۇتقۇچلىرى يوققۇ؟» دەپ سورىيالىسۇن!
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دۇنيانى ئۇنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن جازالايمەن، رەزىل ئادەملەرنى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن كۆرەڭلەپ، مەغرۇرلانغانلارنى پەسلەشتۈرىمەن. شەپقەتسىزلەرچە غادايغانلارنى يەرگە ئۇرىمەن.
ھېچكىم ئەجەلنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. خۇددى تورغا كىرىپ قالغان بېلىقتەك، تۇزاققا چۈشۈپ قالغان قۇشتەك، ئىنسانمۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
شۇنداق قىلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «سەن مېنىڭ ئالدىمدا زادى قاچانغىچە جاھىللىق قىلىسەن؟ خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قوي!
ئى موئاب پۇقرالىرى، مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ۋەھىمە، ئورەكلەر ۋە تۇزاقلار سىلەرنى كۈتمەكتە!
ۋەھىمىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغانلار ئورەكلەرگە چۈشەر، ئورەكلەردىن چىققانلار تۇزاققا چۈشەر. چۈنكى مېنىڭ موئاب خەلقىنى جازالايدىغان ۋاقتىم يېتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
چۈنكى ئۇلار خۇداغا مۇشت ئېتىپ، ھەممىگە قادىر خۇدا بىلەن قارشىلاشتى.