يەرەمىيا 50:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 ئىسرائىل خەلقى خۇددى شىرلار قوغلاپ يۈرگەن قويلارغا ئوخشايدۇ. دەسلەپتە ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. ھازىر، يەنى ئەڭ ئاخىرىدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى غاجىدى. Gade chapit la |
ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش، ئىدوملۇقلارنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن. ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟ قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟
شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ. دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ. دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›»