Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 50:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 بابىلدا تېرىقچىلىق قىلىنمىسۇن، ھوسۇلمۇ يىغىلمىسۇن. زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بابىلغا يەرلىك بولمىغان كىشىلەر ئۆز ئېلىگە قېچىپ كەتسۇن، ئۇلار ئۆز يۇرتىغا قايتسۇن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 50:16
7 Referans Kwoze  

شۇ كۈنى ئەھۋال شۇنداق بولىدۇكى: بۆكەن ئوۋچىدىن قاچقاندەك، قويلار پىتىراپ كەتكەندەك، ھەممە ئادەم ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ ۋە ئۆز زېمىنىگە قاچىدۇ.


بابىلدا ياشايدىغان مۇساپىرلار مۇنداق دەيدۇ: ‹بىز بابىلنى داۋالىغان بولاتتۇق، بىراق ئۇ ساقايمايدۇ. شۇڭا ئۇنى تاشلاپ، ھەممىمىز ئۆز ئېلىمىزگە كېتەيلى. بابىلنىڭ جازاسى ئاسماندەك ئېگىز دۆۋىلەنگەن بولۇپ، بۇلۇتلارغا تاقىشىدۇ.›


مەن ياللانما لەشكەرلىرىڭلارنى ئۆزئارا پۇتلاشتۇرىمەن. ئۇلار تېز قاچماقچى بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىدۇ. ئۇلار: ‹ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار! ئۆز ئادەملىرىمىز بار يەرگە، يۇرتىمىزغا قايتايلى، دۈشمەن قىلىچىدىن قاچايلى!› دەيدۇ.


ئەي دېھقانلار، قايغۇرۇڭلار! ئەي باغۋەنلەر، نالە-پەرياد قىلىڭلار! چۈنكى ئېتىزدىكى بۇغداي ۋە ئارپىلار ۋەيران بولدى. پۈتۈن ھوسۇلۇڭلار خاراب بولدى.


ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر شەھەر مەيدانلىرىدىن نالە-پەرياد، ھەربىر كوچىدىن يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ. دېھقانلار ھازا تۇتۇشقا، مەرسىيەچىلەر يىغلاشقا چاقىرتىلىدۇ.


مەن سەن ئارقىلىق پادىچىلارنى قوي پادىلىرى بىلەن بىرگە تارمار قىلدىم، دېھقانلارنى ئۆكۈزى بىلەن بىرگە تارمار قىلدىم، ۋالىيلار ۋە ئەمەلدارلارنى تارمار قىلدىم.


ئۆڭكۈرىدىن ئايرىلىۋاتقان شىرغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى زۇلۇم سالغۇچىنىڭ قىلىچى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite