Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 5:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم، قانداقمۇ سېنى كەچۈرەلەيمەن؟ سېنىڭ خەلقىڭ مېنى رەت قىلغان تۇرسا! ئۇلار ھەقىقىي خۇدا بولمىغان بۇتلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان بولساممۇ، ئۇلار ماڭا خۇددى ئېرىگە ساداقەتسىز ئايالدەك مۇئامىلە قىلدى. ئۇلار توپلىشىپ، پاھىشىخانىلارغا ئالدىرىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 5:7
39 Referans Kwoze  

بۇرۇن، خۇدانى تونۇمايدىغان ۋاقتىڭلاردا يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارنىڭ قۇلى بولغانىدىڭلار.


بىرەر خەلق ئۆز ئىلاھلىرىدىن ۋاز كېچىپتىمۇ؟ ئىلاھلىرى ھەقىقىي بولمىسىمۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپتىمۇ؟ ئەمما مېنىڭ خەلقىم شان-شەرەپلىك بولغان مەن خۇدانى ئەرزىمەس بۇتلارغا ئالماشتۇردى!


سىلەر ئاراڭلاردا قالغان باشقا يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەڭلار! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار!


ئۇلار ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى، ئەرزىمەس بۇتلار بىلەن ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۆز خەلقىم بولمىغان باشقا خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن. ئۇلار ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايمەن.


ئۆگزىلەرگە چىقىۋېلىپ، كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغانلارنى، ماڭا سەجدە قىلىپ، مېنىڭ نامىمدا قەسەم قىلغان تۇرۇقلۇق، يەنە ئىلاھ مولەكنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنى ھالاك قىلىمەن.


خوش، ئەمدى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆش مەسىلىسىگە كېلەيلى. بىزگە مەلۇمكى، كۆپ ئادەملەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خۇدا ئەمەستۇر. يېگانە خۇدادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر.


بۇ زېمىن خۇداغا ساداقەتسىز كىشىلەر بىلەن تولدى، ئۇلار ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، رەزىللىك بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ لەنىتىدىن زېمىن ھەسرەتلەندى، ئوتلاقلار قۇرۇپ كەتتى.


لېكىن ئىسرائىللار يەپ-ئىچىپ تويۇپ، سەمرىگەندىن كېيىن ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلارنى ياراتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈدى ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزغان قورام تاشنى كۆزگە ئىلمىدى.


ئەي خۇداغا ۋاپاسىزلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولساڭلار، خۇدانىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىسىلەر.


بۇ ئەللەر ئىلگىرى خەلقىمگە بۇت بائال نامىدىن قەسەم قىلىشنى ئۆگەتتى. ئەگەردە بۇ ئەللەر خەلقىمگە ئوخشاش ماڭا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگەنسە، ھەمدە مېنىڭ نامىمدىن: «مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلدۇق» دەيدىغان بولسا، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدا گۈللەندۈرىمەن.


يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار! بارلىق جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىناخورلار، ھەزىلەكلەر، ئەر بىلەن ئەر ياكى ئايال بىلەن ئايال ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار،


شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».


‹ئەي دان شەھىرىنىڭ ئىلاھى، ئەي بەئەرشەبا شەھىرىنىڭ ئىلاھى› دەپ، سامارىيەنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر يىقىلىدۇ، قايتا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.»


مەن سىلەرنى غىزالاندۇردۇم ۋە تويدۇردۇم. لېكىن قورسىقىڭلار تويغاندىن كېيىن، سىلەر ھاكاۋۇرلىشىپ، مېنى ئۇنتۇدۇڭلار.


ئەي ئىسرائىلىيە، مەن سەندىن قانداقمۇ ۋاز كېچەي، سېنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەي، سېنى قانداقمۇ ئادماھ شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران قىلاي، ساڭا قانداقمۇ زىبويىم شەھىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاي؟! كۆڭلۈم بۇنداق قىلىشقا ئۇنۇمايدۇ، چۈنكى قەلبىم مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندۇر.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخور بولۇپ، ئۇلار خۇددى تونۇردىكى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايدۇ. خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، ئېچىپ تەييار بولغۇچە، ناۋاينىڭ تونۇرغا يەنە ئوت سېلىشى كېرەك بولمايدۇ.


سىلەر باشقىلارنى قارغايسىلەر، يالغان سۆزلەيسىلەر، قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە زىنا قىلىسىلەر. قان ئۈستىگە قان تۆكىسىلەر، گۇناھلىرىڭلارنىڭ چېكى يوقتۇر.


بەزىلىرى قوشنىسىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىدۇ، بەزىلىرى كېلىنلىرىنىڭ، يەنە بەزىلىرى ئاتا بىر ئانا باشقا سىڭىللىرىنىڭ نومۇسىغا تېگىدۇ.


مەن سىلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىڭلارنى كۆرگەن. مەن سىلەرنىڭ دالالاردا بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقىڭلارنى، خۇددى ئەرنىڭ يات بىر ئايالنى شەھۋانىيلارچە قوغلىغىنىدەك ياكى ئايغىرنىڭ بايتالنى قوغلىغىنىدەك، بۇت ئىلاھلىرىڭلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقىڭلارنى كۆردۈم. ئى يېرۇسالېم، ھالىڭغا ۋاي! قاچانغىچە مۇشۇنداق بۇلغىنىپ يۈرىسەن؟»


ئاھ، خەلقىمدىن ئايرىلىپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتەي. چۆللەرنى ماكان قىلاي. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى زىناخورلاردەك خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلغان خەلقتۇر.


ئەي ئىسرائىل خەلقىم، مەن ئىچىمدە مۇنداق ئويلىغانىدىم: خۇرسەنلىك بىلەن سىلەرنى ‹ئوغلۇم› دەپ بىلىشنى خالايتتىم، جاھاندىكى ئەڭ ئېسىل، ئەڭ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلماقچىدىم. مېنى ‹ئاتام› دەپ ئاتاپ، مەندىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىم.


ئەي خەلقىم، مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار. مەن سىلەر ئۈچۈن بىر قۇملۇقمۇ؟ مەن سىلەر ئۈچۈن قاراڭغۇ زېمىنمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا نېمىشقا سىلەر ماڭا: ‹بىز ئاخىرى سەندىن قۇتۇلدۇق، ئالدىڭغا ئەمدى بارمايمىز!› دەيسىلەر؟


دوستلىشىسەن ئوغرى بىلەن، ئارىلىشىسەن زىناخور بىلەن.


ئەگەر بىرسى باشقا بىرىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، زىنا قىلغان ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن.


ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ.


سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى ھەيدىۋېتىپ، يات خەلقلەرنىڭ يامان ئادەتلىرى بويىچە ئۆزۈڭلارغا روھانىي تىكلىدىڭلار. ھەرقانداق بىر ئادەم بىر تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكەلسىلا، ئۇ ساختا ئىلاھلارنىڭ روھانىيسى بولالايدۇ.


ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىسىلەر، قەسەم بەرگەندە يالغان سۆزلەيسىلەر، بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىسىلەر، ئۆزۈڭلار بىلمىگەن يات ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر.


سەن ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مېنى تاشلىۋېتىپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىگەن، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، مېنى رەت قىلىپ، قانۇنلىرىمغا بويسۇنمىغانىدى.


خەلق ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرىنى ياسىيالامدۇ؟ ياق! مۇمكىن ئەمەس! ئۇلارنىڭ ياسىغانلىرى ھەرگىز خۇدا ئەمەس» دەيدۇ.


«گۇناھ قىلدۇق، يۈز ئۆرۈدۇق، كەچۈرمىدىڭ سەن بىزنى.


ئۇ ھالاكەتلىك ئوتقا ئايلىنىپ، پۈتۈن بىساتىمنى يالماپ يۇتىدۇ.


ئىسرائىلىيەنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ تالاق خېتىنى بېرىپ، ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى يەھۇدىيە بىلدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، مەندىن قورقمىدى. ئۇمۇ خۇددى پاھىشىگە ئوخشاش، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى.


بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite