Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 5:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ. دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ. دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 5:6
38 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ. سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر.


ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزدىن تېز، گۇگۇمدىكى ئاچ بۆرىدىن ھوشياردۇر. ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى يىراقتىن چېپىشىپ كېلىدۇ ۋە خۇددى بۈركۈتتەك ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.


شىر ئۇۋىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، خەلقلەرنى ۋەيران قىلغۇچى يولغا چىقتى. ئۇ كېلىپ، سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلماقچى. شەھەرلىرىڭلار ۋەيران قىلىنىدۇ ۋە ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.


سەندىكى يېتەكچىلەر ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بۆرىلەردەك ئادەم ئۆلتۈرۈپ، قان تۆكۈپ، ھارامدىن بايلىق توپلىدى.


مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا دىۋىگە ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى.


مەن ئىسرائىلىيەگە قارشى شىردەك، يەھۇدىيەگە قارشى يىرتقۇچ شىردەك بولىمەن. ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىمەن. مەن ئۇلارنى سۆرەپ ئېلىپ كەتكەندە، ھېچكىم ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.


ئاندىن كېيىن ئۈچىنچى مەخلۇقنى كۆردۈم، ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە قۇشلارنىڭ قانىتىدەك تۆت تال قانات بار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە تۆت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بېرىلگەنىدى.


بىرىنچىسى شىرغا ئوخشايتتى، ئەمما بۈركۈتنىڭكىدەك قانىتى بار ئىدى. مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، ئۇنىڭ قاناتلىرى يولۇۋېتىلدى. ئۇنى يۆلىگەنىدى، ئۇ خۇددى ئادەمدەك ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە تۇردى. ئۇنىڭغا ئىنساندەك ئويلايدىغان ئىقتىدار بېرىلگەنىدى.


ئۇ تېخىمۇ كۆپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مىسىردىكى ياش ۋاقىتلىرىدا قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى.


ھەربىر كوچىنىڭ ئىككى بېشىغا ئېگىز بۇتخانىلارنى سالدۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىنى دەپسەندە قىلدىڭ. سەن يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ.


خوجايىن بولۇپ دۈشمەنلىرى سىئونغا، روناق تېپىپ، گۈللىدى راسا. سىئون قىلغاچ كۆپ گۇناھ، پەرۋەردىگار ئازابتا قويدى ئۇنى، دۈشمەنلىرى ئەسىر ئېلىپ بالىلىرىنى، سۈرگۈن قىلدى ئۇلارنى.


ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش، ئىدوملۇقلارنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن. ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟ قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟


پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى، تاكى يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە يانمايدۇ. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بۇنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر.


بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن كارى يوق. مەن سىلەرگە دۈشمىنىڭلاردەك ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق جازالىدىم، چۈنكى قىلمىشلىرىڭلار ئېغىر، گۇناھلىرىڭلار كۆپتۇر.


ئۆڭكۈرىدىن ئايرىلىۋاتقان شىرغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى زۇلۇم سالغۇچىنىڭ قىلىچى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.


مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، گەرچە گۇناھلىرىمىز بىزگە قارشى گۇۋاھلىق بەرسىمۇ، نام-شەرىپىڭ ئۈچۈن بىزگە ياردەم بەرگىن. بىز ھەقىقەتەن سەندىن قايتا-قايتا يۈز ئۆرۈدۇق، ساڭا قارشى گۇناھ قىلدۇق.


ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىللىكىڭلار بېشىڭلارغا چىقىدۇ. ساداقەتسىزلىكىڭلار ئۆزۈڭلارغا جازا ئەكېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مەندىن قورقماسلىقىڭلارنىڭ سىلەرگە قانچىلىك زور بالايىئاپەت ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىڭلار. بۇ مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى توغرا يولدا يېتەكلىگەن بولساممۇ، سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ ئاپەتلەرنى ئۆز بېشىڭلارغا تاپتىڭلار.


سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ، ئۇلار غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىشتى. ئۇلار زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلدى. شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلۈپ، ھېچكىم ھايات قالمىدى.


ئالدىڭدا ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىمىز كۆپەيمەكتە، گۇناھلىرىمىز گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلماقتا، بىز ئاسىيلىق بىلەن بىرگىمىز. گۇناھلىرىمىزنى ھەممىمىز بىلىمىز:


قاراڭغۇلۇق چۈشۈرسەڭ كېچە بولىدۇ، ئورمانلاردا جانلىقلار شىپىرلاپ كېزىپ يۈرىدۇ.


ئاندىن ئەزرا روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا: _ سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلىپ، يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، ئىسرائىللارنى تېخىمۇ ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزدۇڭلار.


دۇئا قىلدىم: «ئى خۇدايىم، ھەقىقەتەن خىجىلمەن! نومۇستىن ئالدىڭدا يۈزۈمنى كۆتۈرەلمەيمەن. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئاسمانغا تاقاشتى، قىلمىشلىرىمىز چېكىگە يەتتى.


ئاشۇ بىر توپ گۇناھكارلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر، ئەمدى يەنە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، پەرۋەردىگارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرمەكچىمۇ؟!


ئورماندىكى ياۋا توڭگۇز ئۇنى خاراب قىلماقتا، دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلانماقتا.


نېمىشقا بۇ خەلق دائىم يولۇمدىن چەتنەپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا يېرۇسالېم خەلقى ھەمىشە مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ئۇلار ئالدىنىشقا رازىكى، يولۇمغا قايتىشنى خالىمايدۇ.


سىلەر نېمە ئۈچۈن ‹يارىلىرىمىز شۇنچە ئېغىر، ساقايماس› دەپ يىغلايسىلەر؟ مەن سىلەرنى جازالىدىم، چۈنكى گۇناھىڭلار كۆپ، قىلمىشىڭلار ئېغىر.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە روھانىيلار ۋە يولباشچىلارمۇ بارغانسېرى يات ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى ۋە پەرۋەردىگار مۇقەددەس قىلغان يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى.


مەردانە ھالدا قەددىمنى كۆتۈرسەم، ئارقامدىن شىردەك قوغلىدىڭ، كارامەتلىرىڭ بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلدىڭ.


ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.


ئەي خەلقىم، مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار. مەن سىلەر ئۈچۈن بىر قۇملۇقمۇ؟ مەن سىلەر ئۈچۈن قاراڭغۇ زېمىنمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا نېمىشقا سىلەر ماڭا: ‹بىز ئاخىرى سەندىن قۇتۇلدۇق، ئالدىڭغا ئەمدى بارمايمىز!› دەيسىلەر؟


ھەتتا لەيلەك قۇشلىرىمۇ قاچان كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، پاختەكلەر، قارلىغاچلار ۋە تۇرنىلارنىڭ ھەممىسى كۆچىدىغان ۋاقتىنىڭ قاچانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق مېنىڭ خەلقىم مېنىڭ قائىدە-نىزاملىرىمنى بىلمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite