Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 5:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 مەن ئويلىدىم: «بۇلار نامرات بولغاچقا، بىلىمسىزلىكىدىن مۇشۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى بىلمىگەچكە، ھاماقەتلەردەك ئىش قىلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 5:4
11 Referans Kwoze  

خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ. ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن. سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن.


ھەتتا لەيلەك قۇشلىرىمۇ قاچان كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، پاختەكلەر، قارلىغاچلار ۋە تۇرنىلارنىڭ ھەممىسى كۆچىدىغان ۋاقتىنىڭ قاچانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق مېنىڭ خەلقىم مېنىڭ قائىدە-نىزاملىرىمنى بىلمەيدۇ.


«كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار.


شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.


قاراڭلار! سىلەر سىلەرنى قۇتقۇزالمايدىغان يالغان سۆزلەرگە ئىشىنىسىلەر.


پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ تىللىرى خۇددى ئوقيادەك ئەجەللىكتۇر. يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بۇ زېمىننى قاپلىغان. ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يامان ئىش قىلىدۇ، مېنى تونۇمايدۇ.


بۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى ئەخمەق ھەم دۆتتۇر، ئۇلار ياغاچ بۇتلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟


ئەگەر بۇنى ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلسە، ئۇلار: «بىز ئوقۇشنى بىلمەيمىز» دەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite