Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 5:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 ئۇلار بوردىلىپ، سەمرىپ كەتكەن، ئۇلار قىلغان رەزىل ئىشلارنىڭ چېكى يوق. ئۇلار ئادىللىقنى ئىزدىمەيدۇ، ئاتىسىز يېتىملەرنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 5:28
24 Referans Kwoze  

تۇل خوتۇن، يېتىملەرگە، يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارغا ۋە نامراتلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. قەلبىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا يامانلىق ئويلىماڭلار.


ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.


لېكىن ئىسرائىللار يەپ-ئىچىپ تويۇپ، سەمرىگەندىن كېيىن ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلارنى ياراتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈدى ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزغان قورام تاشنى كۆزگە ئىلمىدى.


يامانلار مانا شۇنداق رەزىل بولار، ئۇلار دائىم راھەتتە، بايلىق توپلار.


زېمىنىڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى، يېتىم بالىلارنى، تۇل ئاياللارنى بوزەك قىلمىساڭلار، بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشتىن قول ئۈزسەڭلار، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزمىسەڭلار،


مەن ھەقىقەتەن ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ خىل ئەخلاقسىزلىق ھەتتا بۇتپەرەسلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇچرىمايدۇ. بىرى ئۆگەي ئانىسى بىلەن داۋاملىق بىر ئورۇندا يېتىپتۇ!


ئەي باشاندىكى بوردالغان ئىنەكلەردەك سامارىيە ئاياللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيەدىكى ئاياللار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر نامراتلارغا زۇلۇم قىلىپ، موھتاجلارنى ئېزىسىلەر. سىلەر ھەمىشە ئەرلىرىڭلارغا: «بىزگە يەنە شاراب ئەكېلىپ بېرىڭلار!» دەيسىلەر.


ئى پەرۋەردىگار، مەن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمدە، سەن ھەر دائىم شۇنداق ئادىل بولۇپ كەلدىڭ. شۇنداقتىمۇ مەن سەن بىلەن يەنە ئادىللىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەشمەكچىمەن. نېمە ئۈچۈن رەزىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بارلىق سەمىمىيەتسىز كىشىلەر راھەتتە ياشايدۇ؟


سىلەر ئاشىقىڭلارنى قوغلىشىشقا نېمىدېگەن ئۇستا-ھە! ھەتتا پاھىشە ئاياللارمۇ سىلەردىن ئۆگەنسە بولىدۇ.


بىخۇدلاشقان ئۇلارنىڭ قەلبى ئەزەلدىن، مەن بولسام سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن.


ئاقلىغۇچى بولۇپ پادىشاھ ئېزىلگەن مۆمىنلەرگە، قۇتۇلدۇرغاي نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى ھەم بىتچىت قىلغاي زالىملارنى.


لېكىن ئوغرىلار چېدىرلىرىدا تىنچ ياشايدۇ، خۇدانىڭ چىشىغا تەگكەنلەر خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئىشەنگەن ئىلاھىدۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلماڭلار، بوزەك قىلماڭلار. بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكمەڭلار.


تاكى ئۆلگۈچە ياشايدۇ غۇربەتسىز ئۇلار، تېنى سالامەت، بەدىنى مەزمۇت بولار.


پەرۋەردىگار ۋەيران قىلار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى، ساقلاپ قالار تۇل خوتۇننىڭ ئۆي-زېمىنىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite