25 سىلەرنىڭ رەزىللىكىڭلار سىلەرنى ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قىلدى. سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار بەختىڭلارنى ئېلىپ كەتتى.
لېكىن گۇناھلىرىڭلار سىلەرنى خۇدا بىلەن ئايرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدا سىلەردىن يۈز ئۆرۈدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئىلتىجالىرىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ.
بەزىلەر ھاماقەت بولدى گۇناھلىرىدىن، دۇچار بولدى ئازابلارغا قەبىھلىكلىرىدىن.
بىز جازالاندۇق گۇناھلىرىمىز ۋەجىدىن، قانداقمۇ ئاغرىنايلى خۇدادىن؟
يامغۇرنىڭ قايتا ياغمىغانلىقى، ھەتتا باھاردىمۇ ياغمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇدۇر. سىلەر پاھىشىلەردەك يۈزسىزسىلەر، نومۇس دېگەننى بىلمەيسىلەر.
ئەي سىئون شەھىرى، تارتىپ بولدۇڭ جازايىڭنى، پەرۋەردىگار سۈرگۈندە تۇتۇپ تۇرماس ئەمدى سېنى. لېكىن ئەي ئىدوم، ئەمدى پەرۋەردىگار بېرەر جازايىڭنى، ئاشكارا قىلار جىنايىتىڭنى!
ئەي خەلقىم، تۇتقان يولۇڭلار ۋە قىلغان قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن بۇ ئاپەت بېشىڭلارغا چۈشىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ جازايىڭلار، بۇ ئېچىنىشلىق ئىش. ئۇ سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلارغا سانجىلىدۇ.»
بۇ يەرەمىياغا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيدۇر:
مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، گەرچە گۇناھلىرىمىز بىزگە قارشى گۇۋاھلىق بەرسىمۇ، نام-شەرىپىڭ ئۈچۈن بىزگە ياردەم بەرگىن. بىز ھەقىقەتەن سەندىن قايتا-قايتا يۈز ئۆرۈدۇق، ساڭا قارشى گۇناھ قىلدۇق.