Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 5:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 لېكىن بۇ كىشىلەر جاھىل ۋە ئاسىيدۇر. ئۇلار يولۇمدىن چەتنەپ، ئۆزلىرىنىڭ يولىدا مېڭىشتى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 5:23
14 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاھىل، ئاسىيلاردۇر! ئۇلارنىڭ يۈرىكى تۇچ ياكى تۆمۈرگە ئوخشاش قاتتىق. ئۇلار باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى چىرىكلەشكەن.


خەلقىم دائىم مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. گەرچە ئۇلار مېنى ئۇلۇغ خۇدا دەپ چاقىرسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرمەيمەن.


مەن قىرىق يىلغىچە يىرگىنىپ ئەجدادلىرىڭلاردىن، دېدىمكى: ‹ئۇلارنىڭ قەلبى يىراقتۇر مەندىن، ماڭماس ئۇلار مېنىڭ يولۇمدىن.›


_ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئوغلى جاھىل، ئىتائەتسىز، ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنمايدىغان بولۇپ، تەربىيە قىلسىمۇ گەپ ئاڭلىمىسا،


ئەي قېرىنداشلار، ھەرقايسىڭلار قەلبىڭلارنىڭ يامان نىيەت ۋە ئېتىقادسىزلىققا تولۇپ، مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭلار.


سىلەر روھانىيلار خەلقىمنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بىلەن ئۆزۈڭلارنى سەمرىتتىڭلار. شۇڭا خەلقنىڭ گۇناھ قىلىشىغا تەشنا بولدۇڭلار.


ئەڭ ساختا نەرسە ئىنسان نىيىتىدۇر. ئۇنى ساقايتقىلى بولماس، ھېچكىم ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.


مەن يېتەكچىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن. ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ۋە خۇدانىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.» لېكىن ئۇلارمۇ سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى رەت قىلىپ، ساڭا ئىتائەت قىلمايدىكەن.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر شۇ قەدەر ۋاپاسىزلىق بىلەن ئاسىيلىق قىلدىڭلار. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار!


نېمىدېگەن تاياق قېپى خەلقسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن قارشىلىشىشنى توختاتمايسىلەر؟ باشلار يارىلانغان، يۈرەكلەر مادارىدىن كەتكەن.


دورىمىسۇن ئۇلار ئەجدادلىرىنى _ ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىز، جاھىللىقىنى. سەمىمىيەتسىزلىك بولمىسۇن دىللىرىدا، ساداقەتسىزلىك بولمىسۇن ئۇلاردا.


يەھۇدىيە ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى ئادەملەر ئېتىزلىقىنى چۆرىدەپ قورشىغاندەك، دۈشمەن ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ.


ئاسىيلىققا، چىرىكلىككە ۋە زۇلۇمغا تولغان يېرۇسالېمنىڭ ھالىغا ۋاي!


سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە جاھىل ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. سىلەر مەن ھايات ۋاقتىمدا پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەن تۇرساڭلار، مەن ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىش بولماقچى ئىدى؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite