يەرەمىيا 5:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى15 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلاڭلار، ئىسرائىل خەلقى! مەن سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بىر خەلقنى يىراقتىن ئېلىپ كېلىمەن. ئۇ تارىخى ئۇزۇن بىر قەدىمىي خەلق. بۇ خەلقنىڭ تىلىنى سىلەر بىلمەيسىلەر. ئۇلار سىلەر چۈشەنمەيدىغان تىللاردا سۆزلەيدۇ. Gade chapit la |
مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.