Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 5:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەي يەرەمىيا، بۇ خەلق مۇشۇنداق يالغان گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن سېنىڭ ئاغزىڭغا سالغان سۆزلەرنى ئوتتەك قىلىمەن. شۇنداقلا بۇ ئادەملەرنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىققان ھۆكۈملەردىن پاراسلاپ كۆيىدىغان ئوتۇندەك قىلىمەن.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 5:14
8 Referans Kwoze  

مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆزلىرىم ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ ھەم تاشلارنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىدىغان بازغاندەك زەربە بېرىدۇ.


ئاندىن پەرۋەردىگار قولىنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: _ مانا، مەن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ قويدۇم!


شۇڭا مەن پەيغەمبەر ئارقىلىق سىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدىم، سۆزلىرىم بىلەن سىلەرنى ئۆلتۈردۈم. تاڭنىڭ ئېتىشى مۇقەررەر بولغىنىدەك مېنىڭ ھۆكۈملىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.


لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىدىمۇ؟! نەتىجىدە، ئۇلار توۋا قىلىشىپ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭغان يوللىرىمىزغا ۋە قىلغان قىلمىشلىرىمىزغا تېگىشلىك جازايىمىزنى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.»


شۇڭا يەر يۈزىگە قارغىش ياغىدۇ، كىشىلەر ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زېمىندا ياشاۋاتقانلار كۆيدۈرۈلىدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا ئامان قالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite