Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 5:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مەن سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى: ‹سىلەر مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمغا كىرىپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار، لېكىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەڭلار. ئۈزۈمزارلىق ماڭا مەنسۇپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەكلەرنى كېسىۋېتىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 5:10
24 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «پۈتۈن زېمىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.


غەزەپكە كەلگەن پادىشاھ لەشكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭغا «لو-ئامى» [مەنىسى «خەلقىم ئەمەس»] دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى سىلەر ئەمدى مېنىڭ خەلقىم ئەمەس، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئەمەس.


بابىللىقلار پادىشاھ ئوردىسى ۋە خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە يېرۇسالېم سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ گۇناھقا تولغان پادىشاھلىقىڭلارغا كۆز تىككەنمەن. مەن ئۇنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. لېكىن مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلمايمەن.


ئەگەر مەن ئۇ يەرگە دۈشمەن ئەۋەتىپ، قىلىچىم ئارقىلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىمۇ ھالاك قىلسام،


لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرقايسى ئەللەردە ئۆزلىرى قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى قىلىچتىن، ئاچارچىلىقتىن، ۋابادىن ساقلاپ قالىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


ئى خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن. گەرچە مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يەرلەردىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋەيران قىلساممۇ، ئەمما سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن، لېكىن ئادىللىق بىلەن بولىدۇ، سىلەرنى ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.»


چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن سىلەرگە يار بولىمەن ۋە سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. مەن سىلەرنى چېچىۋەتكەن يەرلەردىكى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىمەن، لېكىن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئادىللىق بىلەن تەربىيەلەيمەن، ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھەتتا ئاشۇ كۈنلەر كەلگەندىمۇ، مەن خەلقىمنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.


پەرۋەردىگار بابىل پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. بابىللىقلار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار نە قىزلارغا، نە ئوغۇللارغا، نە قېرىلارغا ياكى ئاجىزلارغا شەپقەت قىلمىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.


ئۇلارنى ئاشۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالىماي قانداق تۇرالاي؟ ماڭا قارشى تۇرغان بۇنداق خەلقتىن قىساس ئالماي قانداق تۇرالاي؟


مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ماڭا ناھايىتى كۆپ ساداقەتسىزلىك قىلىپ كەلدى.›»


ئۇ يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇدۇل يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلدى.


مەن سىلەرنى ئەلا كۆچەتتەك تىككەنىدىم، سىلەر ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن ئۆسكەنىدىڭلار. نېمە ئۈچۈن سىلەر ھېچنېمىگە يارىمايدىغان ياۋا ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭلار؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite