Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 5:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ، تۆت ئەتراپقا قاراپ، ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ مەيدانلىرىنى كېزىپ كۆرۈڭلار. ئەگەر سىلەر ئادالەتلىك، ساداقەتمەن بىرەر ئادەم تاپالىساڭلار، مەن بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىنى كەچۈرۈۋېتىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 5:1
29 Referans Kwoze  

مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سېپىلنى قايتا مۇستەھكەملەيدىغان ۋە سېپىلنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن يېرىدە تۇرۇپ، يۇرتنى قوغدايدىغان ئادەمنى ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم.


پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ھەقىقىي سادىق بولغانلارنى يۆلەيدۇ. سىز ئەخمەقلىق قىلدىڭىز، بۇندىن كېيىن سىزنى ئۇرۇش پالاكىتى باسىدۇ.


ھېچكىم دۇرۇس نىيەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ، ھەم ھېچكىم سەمىمىيەت بىلەن ئاقلىمايدۇ، ئەكسىچە ئويدۇرمىغا تايىنىپ، يالغان سۆزلەيدۇ، يامانلىققا ھامىلىدار بولۇپ، گۇناھ تۇغىدۇ.


ئازغۇندۇر ھەممىسى، بىردەك بۇزۇلغان، بىرىمۇ يوقتۇر ھەتتا توغرا يولدا ماڭغان.


ئۆزىنى دوستقا سادىق دەيدىغانلار كۆپ بولار، بىراق ھەقىقىي ئىشەنچلىك بىرىنى كىم تاپالار؟


قۇتۇلدۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار، تۈگەپ كەتتى تەقۋادارلار، قالمىدى ساڭا سادىق ئىنسانلار.


ھەمدە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار مەڭگۈ ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇلۇشقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدۇ.


چاكار قايتىپ كېلىپ، ھەممە ئەھۋالنى خوجايىنىغا مەلۇم قىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، كور-ئەما، ئاقساق-چولاقلارنى يىغىپ كەل» دەپتۇ.


كەلگەن پەرىشتە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ تېز بول! ئاۋۇ كېتىۋاتقان ياش يىگىتكە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئادەم ۋە چارۋا ماللارنىڭ كۆپلىكىدىن يېرۇسالېم شەھىرىگە سىغماي قالىدۇ، سېپىللار بولمايدۇ.


ئادەملەر مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاش ئۈچۈن دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە سەپەر قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمنى ھېچ يەردىن تاپالمايدۇ.


ئۇلار شەھەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ، سېپىللارنىڭ ئۈستىدە چېپىشىدۇ. ئۆيلەرگە يامىشىدۇ، دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ.


ئەي دانىيال، سەن ئەمدى بۇ پۈتۈكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تاكى زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلار ئۈستىدە يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشىپ، چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.


ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئايلىناي شەھەرنى، ئارىلاپ ھەممە كوچا، مەيداننى، ئىزدەي ئەمدى ئاشىقىمنى. شۇنچە ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم زادىلا ئۇنى.


بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى، تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.


جاكارلىماقتا شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ يېنىدا، شەھەرگە كىرىش ئېغىزلىرىدا:


ئىلياس: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن قىلدىم. لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى بۇزۇپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ، _ دېدى.


نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن دەۋالىشىسىلەر، ھەممىڭلار ماڭا قارشى چىققان تۇرساڭلار؟


يەھۇدىيەدىن كېلىپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي مىسىردا ياشاۋاتقانلاردىن بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرىدىغان ئاياللار ۋە بۇنىڭدىن خەۋەردار ئەرلەر بىر يەرگە توپلىنىپ، يەرەمىياغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:


پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئىنسانغا سېلىپ نەزەر، خۇدانى ئىزدىگۈچى ئاقىل ئادەم ئىزدەر.


رەزىللەردىن قوغدايدۇ مېنى كىم چىقىپ ئوتتۇرىغا؟ كىم تۇرار مەن تەرەپتە قارشى ھالدا يامانلارغا؟


مەن دىققەت قىلىپ، ئاڭلىدىم. ئۇلار ھەققانىي ئىشلارنى سۆزلىمەيدۇ. ھېچكىم: ‹مەن نېمە قىلدىم؟› دەپ رەزىل قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ باقمايدۇ. خۇددى جەڭ ئاتلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا چاپقاندەك، ھەربىرى ئۆز يوللىرىدا چېپىپ يۈرۈۋېرىدۇ.


ئاھ، خەلقىمدىن ئايرىلىپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتەي. چۆللەرنى ماكان قىلاي. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى زىناخورلاردەك خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلغان خەلقتۇر.


شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھازىر ئۇلارنى ئازاب ئوتىدا تاۋلايمەن ۋە سىنايمەن. خەلقىمنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوق.


ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يەتتى. پۈتۈن زېمىن قانغا بويالدى ۋە يېرۇسالېممۇ ئادالەتسىزلىككە تولدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ۋاز كەچتى، بىزنى كۆرمەيدۇ» دېيىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite