6 لېكىن كېيىن مەن ئامموننى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
لېكىن كەلگۈسىدە مەن ئېلامنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
لېكىن مەن ۋاقتى كەلگەندە، موئابنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» موئاب توغرىسىدا ئېيتىلغان ۋەھىي مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
سىڭىللىرىڭ سودوم ۋە سامارىيەنى قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە قايتا گۈللەندۈرىمەن، سېنىمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گۈللەندۈرىمەن.
مەن بۇ كىشىلەرنى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىگە، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن، مىسىردا بۇرۇنقى چاغلاردىكىدەك ئادەم ياشايدۇ.
لېكىن ئۇنىڭ تاپقان كىرىمىدىن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇلىدۇ. ئۇ تاپقان بايلىقىنى دۆۋىلەپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ كىرىمى پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ئايرىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى مول بولىدۇ، ياخشى كىيىنىدۇ.
بىراق مەن بۇ قوشنا ئەللەرنى ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن، يەنىلا ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن. ئۇلارنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن ھەربىر ئەل خەلقىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن.
ھەتتا گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. پەقەت ئىدوم، موئاب خەلقى ۋە ئاممونلارنىڭ رەھبەرلىرى قېچىپ قۇتۇلىدۇ.