Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 49:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 مەن ئىگەڭلار _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، مەن تۆت ئەتراپىڭلاردىكى بارلىق خەلقلەردىن سىلەرگە ۋەھىمە كەلتۈرىمەن. سىلەر ھەر تەرەپكە تارقىتىۋېتىلىسىلەر، قاچقانلارنى يىغىدىغان ئادەم چىقمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 49:5
16 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ۋە چارۋىلىرىنى تارتىۋېلىڭلار، ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنى، چېدىرلىرى ئىچىدىكى پەردىلەرنى ۋە سايمان-جابدۇقلىرىنى ئېلىپ كېتىڭلار. كىشىلەر ئۇلارغا ۋارقىراپ: ‹ھەممە يەر ۋەھىمىدە قالدى!› دەيدۇ.


لېكىن مەن نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؟ مىسىرنىڭ قوشۇنلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، لەشكەرلەر قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ، ئارقىغا قارىماستىن تېز قاچماقتا. ھەممە يەر قورقۇنچلۇق!


سىلەر سېپىل يوچۇقلىرىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ، ھارمونغا ھەيدەپ ئاپىرىلىسىلەر. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


ئەي پاشكۇر، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساڭا ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭغا ۋەھىمە سالىمەن. دوستلىرىڭنى دۈشمەنلىرى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن. مەن پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقىنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. بابىل پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا يالاپ، ئېلىپ كېتىدۇ ياكى ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ.


تۇل ئاياللار دېڭىز بويىدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ. مەن چىڭقى چۈشتە ھالاك قىلغۇچىنى ئەۋەتىپ، ياشلارنى ھالاك قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا تۇيۇقسىز دەرد-ئەلەم ۋە قورقۇنچ سالىمەن.


ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «نېمە قىلىشىمىزنى بىزگە ئېيتىڭلار، بىزنى قوغداڭلار! سىلەرنىڭ پاناھلىقىڭلار خۇددى چىڭقى چۈشتىكى سايىگە ئوخشايدۇ، بىزدەك قوغلانغانلارنى ئۆز پاناھىڭلارغا ئېلىڭلار، بىزدەك پاناھلىق تىلىگۈچىلەردىن يۈز ئۆرۈمەڭلەر!


قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار، شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار.


ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنىڭ تۈۋىدىن ۋەھىمىلىك ئاۋاز كەتمەيدۇ، ئۇلار ئاسايىشلىق كۈنلىرىدە قاراقچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.


مەن ئاسسۇر پادىشاھىنى ھازىرلا ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىمەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ يەردە قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانمەن».


ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى بىلىمەن. سىلەر بىزنى بەكلا قورقۇتۇۋەتتىڭلار. بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلق سىلەردىن قورقۇپ، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى.


لېكىن مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مەن ھازىر بۇ خەلققە نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن، بېلىقچىلار خۇددى بېلىق تۇتقاندەك، ئۇلار خەلقىمنى تۇتىدۇ. مەن يەنە خەلقىمنى ئوۋلايدىغان ئوۋچىلارنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خەلقىمنى مۇشۇ زېمىندىكى بارلىق تاغلاردىن، دۆڭلەردىن، قورام تاشلارنىڭ يېرىقلىرىدىن ئوۋلايدۇ.


كىشىلەر ۋارقىرىشىپ ئۇلارغا: «يوقىلىش، ئەي ناپاكلار، يوقىلىش، يوقىلىش، تېگىپ كېتىشمە بىزگە!» دېيىشەر. شۇڭا سەرسان، سەرگەردان بولدى ئۇلار. يات خەلقلەرمۇ: «بۇ يەردە تۇرۇشما» دەپ ھەيدىشەر.


ئېتىزغا بارماڭلار، يوللاردا يۈرمەڭلار! چۈنكى ئۇ يەرلەردە قىلىچ تۇتقان دۈشمەنلەر بار، ھەممە يەرنى ۋەھىمە باسقان.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite