Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 49:35 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

35 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مەن ئېلامنىڭ ئوقياچىلىرىنى ھالاك قىلىمەن، ئۇلار ئېلامنىڭ ئاساسلىق كۈچ-قۇدرىتىنىڭ مەنبەسىدۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 49:35
8 Referans Kwoze  

ئېلام پالۋانلىرى ئوقيالىرىنى ئېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق چەۋەندازلىرى بىلەن كېلىدۇ، قىر پالۋانلىرى قالقانلىرىنى تەييار قىلىدۇ.


چۈنكى بىر ۋەيران قىلغۇچى بابىلغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بابىلنىڭ جەڭچىلىرى ئەسىرگە چۈشۈپ، ئوقيالىرى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار جازالايدىغان خۇدادۇر. ئۇ چوقۇم قىساس ئالىدۇ.


توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى، سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى. كۆيدۈرۈپ جەڭ ھارۋىلىرىنى.


«ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار. بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى.


ئەي بارلىق ئوقياچىلار، بابىلنى قورشاۋغا ئېلىڭلار، ئوقيالىرىڭلارنى ئۇلارغا بەتلەپ، بىر تال ئوقۇڭلارنىمۇ ئاياپ قالماڭلار. چۈنكى ئۇ مەن پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلغان.


ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوقيالىرىنى سۇندۇرىمەن.


دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»


مەن بىر قايغۇلۇق ۋەھىينى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «ئالدامچى ئالدامچىلىق قىلىدۇ، بۇزغۇنچى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەي ئېلاملار، ھۇجۇم قىلىڭلار! مىدىيالىقلار، قورشاڭلار! مەن بابىل ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئازابلارنى ئاخىرلاشتۇرىمەن!»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite