Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 49:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 ئەي خازوردا ياشاۋاتقانلار، سىلەرگە ئېيتاي: ‹دەرھال قېچىڭلار! چوڭقۇر يوشۇرۇنۇڭلار! بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر سىلەرگە قارشى پىلان تۈزدى، ئۇ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى.›»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 49:30
4 Referans Kwoze  

مەن ھازىر بارلىق ئەللەرنى خىزمەتكارىم بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ھەتتا بارلىق ھايۋاناتلارنىمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرىمەن.


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


ئەمما ئاسسۇر پادىشاھى مېنىڭ ئۆزىنى ئەۋەتىدىغىنىمنى بىلمەيدۇ، ئۇ كۆڭلىدىمۇ بۇنداق ئويلىمايدۇ. ئۇ پەقەت باشقا خەلقلەرنى ۋەيران قىلىشنى ئويلايدۇ، ئۇ پەقەت باشقا ئەللەرنى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite